يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەر قايسى جەھەتلەردىن تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا زۇكام بولۇپ يۆتىلىدۇ.
بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ياكى نەپەس يوللىرى يۇقۇملانغاندا يۆتىلىپ قالىدىغان ئەھۋال ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا تۆۋەندىكى تۆت قەدەملىك پەرۋىشنى ياخشى قىلىش كېرەك:
1. سۇنى كۆپ ئىچكۈزۈش. بوۋاقلارغا ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ بەرگەندە، ئاجرالما ماددىلارنى سۇيۇلدۇرۇپ، بەدەن سىرتىغا تېخىمۇ ئاسان چىقىرىشقا پايدىسى بار.
2. پات-پات دېرىزە ئېچىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش. ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ھەددىدىن زىيادە تىنجىق ياكى سوغۇق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. دورىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىچكۈزۈش. بوۋاقلارنىڭ بەدىنى ھەر قايسى جەھەتتىن تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمايدۇ، دورا ئىچكۈزگەندە يۆتەل بىر مەزگىل توختىتىغاندەك قىلغان بىلەن بەلغەم يوقىمايدۇ. شۇڭا بوۋاقلار يۆتىلىپ قالسا، ئالدى بىلەن بەلغەمنى بوشىتىپ، يوقىتىش كېرەك، خالىغانچە دورا ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ.
4. مايلىق تاماقلارنى يېگۈزمەسلىك. مايلىق تاماقلار بەلغەمنى كۆپەيتىپ، يۆتەل سوزۇلۇپ كېتىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى