تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدايمەن

چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ھەسەنجان

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت شەكىللەندى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن باسقۇچلۇق نەتىجە. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بىز ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. ئالدىمىزدىكى يول يەنىلا ئۇزۇن بولۇپ، بىزنىڭ باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلايمەن. ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى ئەسلىسەم، ھازىرقى مۇشۇنداق مۇھىم خىزمەت ئورنىغا چىقالىشىم پۈتۈنلەي پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن بولدى. مەن ھەر ۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. پارتىيە بىزنى تەربىيەلىدى، بىزنى مۇھىم خىزمەت ئورنىغا قويدى، بۇ بىزنىڭ جان-دىل بىلەن خەلقنىڭ چاكىرى بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن خىزمەت ئورنىمىزدا ياخشى تۇرۇشىمىز، ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ قايسى بىر مىللەتنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى بولۇشىمىز ئۈچۈن ئەمەس. جەزمەن قەتئىي ھالدا تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىماي، ناتوغرا كەيپىياتنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، يوشۇرۇن ئېقىملارنىڭ تەۋرەندۈرۈشىگە ئۇچرىماي، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە زىچ ئۇيۇشۇشقا، قان قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى داۋاملىق چوڭقۇر قازىمەن، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىز كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان «راك ھۈجەيرىسى» بولۇپ، ھەر ۋاقىت تېنىمىزنى چىرىتماقتا، تەھدىت سالماقتا. ئۇلار كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، كۈنبويى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمىز، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرىمىز، دەپ جار سالغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولماي، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قولىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى قوللاپ، بۆلگۈنچىلىك ئۈچۈن چاپان ياپتى، ئۇلار باش نىشانغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول. ئۇلار ئالدىدا چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بېرىپ، ئاغزىدىن «سادىق بولۇش»نى چۈشۈرمەي، كەينىدە «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، بىر خىيالدا بولۇپ، يوشۇرۇن دۈشمەنگە ئايلاندى. مۇشۇنداق تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى بىز جەزمەن دەل ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈشىمىز، پاكىز تازىلاپ تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، پۈتۈن چاقىلىق ناھىيەسىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ى پۇختا ياخشى ئېتىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، چىلانچىلىق كەسپى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2018-يىلى چاقىلىق قۇرۇق چىلىنىنىڭ ھوسۇلى 79 مىڭ توننىغا، سېتىلىش نىسبىتى %97كە يەتتى، 2018-يىلى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 32 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى؛ ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 417 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا، ساياھەت بىۋاسىتە كىرىمى 85 مىليون 187 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇردى. بىز باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ھەر مىللەت ئىتتىپاق-ئىناق ئۆتۈۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى بارلىق كۈچلەر ۋە ئۇنىڭ قولچوماقچىلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  مەن باشتىن-ئاخىر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن، باشتىن-ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ