كامبالا بېلىقى كامبالا بېلىقلىرى ئەترىتىنىڭ ئاددىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئىككىلا كۆزى بېشىنىڭ بىر تەرىپىدە بولغانلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق.
كامبالا بېلىقىنىڭ تېنىنىڭ ئىككى تەرىپى گەۋدىلىك ھالدا سىممېترىك ئەمەس بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىپ يېتىلىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئىككى تىرىپىنىڭ سىممېترىك بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى ئۇنىڭ ئىككىلا كۆزى بېشىنىڭ بىرلا تەرىپىدە، تېنىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ رەڭلىرىنىڭ تارقىلىشىمۇ سىممېترىك ئەمەس، تېنى 90 گىرادۇس يانتۇ ھالەتتە قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يېتىلگەن كامبالا بېلىقىنىڭ ئىككىلا كۆزىنىڭ بىر تەرەپتە بولۇشى، قالقانسىمان بەز ھورمونى پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۇخۇمدىن يېڭىلا چىققان كامبالا بېلىقىنىڭ كۆزى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ، تەخمىنەن ئۈچ سانتىمېتىر چوڭايغاندا، كۆزى بېشىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قاراپ يۆتكىلىشكە باشلايدۇ، ئاستا-ئاستا بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، يەنە بىر كۆزىگە يېقىنلاشقاندا يۆتكىلىشتىن توختايدۇ.
پەن-تەتقىقات خادىملىرى تەجرىبە داۋامىدا بۇ خىل ھالەت ئۆزگەرتىپ يېتىلىش جەريانىنى كۆزەتكەندە، ئاز مىقداردىكى قالقانبەز ھورمۇنىنى قوشقاندا، بۇ خىل ھالەت ئۆزگەرتىشنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر، قوشقان قالقانسىمان بەز ھورمۇنى سېنتىزلىگەن تىزگىنلىگۈچى رېئاكتىۋ ھورمۇننىڭ سېنتىزلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، بۇ خىل ھالەت ئۆزگىرىشىنى زور دەرىجىدە كېچىكتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى كامبالا بېلىقىنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بېلىقلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ئۆسۈش مۇھىتى بەلگىلەيدۇ، بۇ ھەم ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە تەبىئىي تاللىنىشنىڭ نەتىجىسى. دېڭىز بېلىقلىرى تېخىمۇ زور بېلىقلار ياكى سۇ ھايۋانلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، شۇنداقلا باشقا بېلىق ۋە راكلارنى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى يوشۇرىۋالىدۇ. كامبالا بېلىقىمۇ مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلى، تېيىز دېڭىز تېگىدىكى بىر قەۋەت قۇمنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى جايلاشقان تەرىپى ئۈستىگە قارىغان ھالەتتە بولىدۇ، بۇ تەرىپى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا رەڭ ئۆزگەرتىدۇ.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەختۇمە ئەخمەت تەرجىمىسى