شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى: بۇ يىل چاغانلىق ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ھەمدە ساياھەت كىرىمى جەھەتتە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش كۆرۈلگەن. مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 8 مىليون 117 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 8 مىليارد 185 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئاشقان؛ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە چىقىمى 1008 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.0 ئاشقان.
چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 8 مىليون 117 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى
مۇھەررىر :
بۇئايشەم راخمان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/02/12 19:46
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.