تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

‏[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] بالىلارغا ئارزۇ قوغلىشىدىغان ئۈمىد بېرىش ‏

 شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر يەن شياۋجۈەن، جوۋ يى) خەۋىرى: «كىچىك ۋاقتىمدا، مېنى باغرىغا چىڭ باسقان شۇ كىشىنى ئاپا، دەپ چاقىرىشىم كېرەك......» 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىلى كەڭساينىڭ قىشلىقىدىكى بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە يەتتە ياشلىق قىزچاق نەزىيرە تۇرىسبېك نەسىر دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتى. ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغىنى، بۇ كىچىك قىز ئىلگىرى گاس-گاچا بولۇپ، «جوۋ ئاپا»نىڭ ياردىمىدە بۇ قىزچاق ‹‹تىۋىشسىز دۇنيا››دىن خوشلاشقان. دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تال-تال ئەگىم كىرپىكلىرى ئاستىدىكى قاپقارا كۆزلىرىدىن بەخت نۇرى ئۇچقۇندايتتى.

  «جوۋ ئاپا» قورغاس ناھىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، تولۇق ئىسمى جوۋ شىخۇا.

  1994-يىلى، جوۋ شىخۇا بىر جۈپ قوشكېزەك ئوغۇل تۇغقانىدى. قوشكېزەكنىڭ چوڭى شۈ جيەن بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭغا «ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدىكى نېرۋا خاراكتېرلىك گاسلىق» دەپ دىياگنوز قويۇلدى. ئوغلىغا بولغان مۇھەببىتىدە، جوۋ شىخۇا ئوغلىنىڭ قولىنى قايتا-قايتا ئۆزىنىڭ ئاغزىغا قويۇپ، ئوغلىغا ئاۋاز پەردىسى، تىل ئورنى ۋە نەپەسنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئاز-ئازدىن ھېس قىلدۇردى، بىر يىلدىن كېيىن، ئوغلى ئاخىرى «偶» تاۋۇشىنى چىقاردى.

  جوۋ شىخۇا خۇشاللىققا چۆمگەندە، قوشكېزەكنىڭ كىچىكى شۈ كاڭغىمۇ «ئېغىر دەرىجىدە گاس» دەپ دىياگنوز قويۇلدى. جوۋ شىخۇا بىر ھەپتە گېلىدىن تاماق ئۆتمەي، ئۇخلىيالماي، كۈندە يىغلىدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئورنىدىن دەس تۇردى ۋە  ئېرى شۈ جىخۇڭغا: «باشتىن باشلايلى!» دېدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، جوۋ شىخۇا بىلەن ئېرى مۆجىزە ياراتتى، شۈ كاڭ راۋان سۆزلەپلا قالماستىن، يەنە نورمال مائارىپتا تەربىيەلەندى.

  جوۋ شىخۇانىڭ ھېكايىسى ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانا بالىلىرىنى يېتىلەپ ئۇلارنى ئىزدەپ كەلدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنتىلىشدە، 2000-يىلى 12-ئايدا، جوۋ شىخۇا گاس بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىنىپى ئاچتى.

  «ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى بىر قەدەر تەس، چوقۇم بالىلارغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك»، دېدى جوۋ شىخۇا مۇخبىرغا، ئاددىي بىر «ئا» دېگەن تاۋۇشنى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار بالىلار ئۈچ ئاي، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتتا ئۆگىنىدۇ.

  2014-يىلى 3-ئاينىڭ بىر كۈنى، چارۋىچى تۇرىسبېك خەمىت خوتۇنى بىلەن بىللە ئوغلى ۋە قىزىنى ئېلىپ كەلدى. ئوغلى ئالپەر ئاڭلاش نېرۋا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، قىزى نەزىيرەنىڭ ئازراقلا قالدۇق ئاڭلاش ئىقتىدارى بار ئىدى.

  2015-يىلى كۈزنىڭ بىر كۈنى، تۇرىسبېك ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. ئوغلى ئالپەر كۈچەپ تۇرۇپ «دادا» دېگەندە، ئۇ دەسلەپتە ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىن ئوغلىنى قۇچاغلاپ يىغلىۋەتتى.

  ھەر بىر بالا «ئاپا»، «دادا» دېگەن كۆرۈنۈشلەر جوۋ شىخۇانىڭ ئېسىدە بار. 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇ 200دىن ئارتۇق گاس-گاچا بالىنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى داشۆ پۈتكۈزدى، بەزىلىرى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئىگىلىك تىكلىدى.

  ھازىر، قورغاس ناھىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان نەچچە ئون بالا بار. ئەمما، بۇ بىنادا دائىم كىتاب ئوقۇۋاتقان جاراڭلىق ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بالىلار ئاڭلىيالايدۇ، ناخشا ئېيتالايدۇ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، ھەممىسى خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقان قۇش بالىلىرىغا ئوخشايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى