باش مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى. بۈگۈن كۈندۈزدە ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە تۇمانلىق بولىدۇ، كېچىدە ئازراق قار ياغىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃16-بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
شىنجاڭ دائىرىسىدىن قارىغاندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ غەربىدە سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال، قېلىن قار ياغىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىسمەن تاغلىق رايونلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ.
شوپۇر دوستلار دىققەت: بۈگۈن كۈندۈزدە چىقىدىغان ئالتە بال ئەتراپىدىكى غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى تۆەندىكىچە: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تېچاڭگۇغىچە بولغان يول بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى يول بۆلىكى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى لاۋفېڭكوۋ (شامال ئېغىزى) يول بۆلىكى.
چاغانلىق دەم ئېلىش ئاياغلاشتى، ئەمدى دىققىتىمىزنى يىغىپ، مەشغۇلات ۋاقتىمىزنى ئوبدان تەڭشىسەكلا خىزمەتلىرىمىزگە نورمال كىرىشىپ كېتەلەيمىز. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، پىيادە يول يۈرۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، توپ ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەر قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.