شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 2 مىليارد 434 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ چۈشۈرۈپ بەرگەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بۇ مەخسۇس مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تەقسىملەپ چۈشۈرۈپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2 مىليارد 434 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاساسلىقى ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈم-پايدا تولۇقلىمىسى، ئورمان پەرۋىش قىلىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت نەتىجە-ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە ۋە ئورمانچىلىق تارماقلىرى مەخسۇس مەبلەغنىڭ نەتىجە-ئۈنۈم نىشانىنى ئورتاق بېكىتىپ، مەخسۇس مەبلەغ بىلەن بىللە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تۈر ئورۇنلىرىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى نەتىجە-ئۈنۈم نىشانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ تىزگىنلەپ، نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك باھالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يەنە مەبلەغنى ئىز قوغلاپ قايتما ئىنكاس قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغنى ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەر، ئۆلچەملىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.