2-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى قاردىن كېيىن، لىنىيەلەرنى پىيادە چارلاپ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرمەكتە.
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز سوغۇق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالدى، ئۈرۈمچىدە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق قار ياغدى . 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، قار توختىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى پىيادە لىنىيە چارلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەۋەلىكىدىكى ئون نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى لىنىيە ۋە دىنامىكىلىق پويىزنىڭ سۆرەش سىمى قاتارلىق نۇقتىلىق بۆلەكلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدە تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. (مۇخبىر لى گوشيەن فوتوسى)