ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې): ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان ليۈجوۋ مەھەللىسىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان S201-يول مەھەللە ئاپتوبۇسى يېقىندا 17 كىشىلىك تۆت ئاپتوبۇسقا ئالماشتۇرۇلدى ھەمدە تىيانشان ليۈجوۋ ئولتۇراق رايونى 3-قارار ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى نۇقتىسى كۆپەيتىلىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت بىرىنچى بۆلۈمى بەش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ كۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئەترىتى ئەسلىدىكى 14 كىشىلىك ئۈچ ئاپتوبۇسنى 17 كىشىلىك تۆت ئاپتوبۇسقا كۆپەيتىپ، S201-يول مەھەللە ئاپتوبۇسىنىڭ تىرانسپورت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوبۇسلارنىڭ يولغا چىقىش ئارىلىقى ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا قىسقاردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى S201-يول مەھەللە ئاپتوبۇسىنىڭ قاتناش بېكىتى كۆپەيتىلىپ، تىرانسپورت كۈچى ئاشۇرۇلدى
مۇھەررىر :
ئايزۆھرە ئەنۋەر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/02/11 16:06
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.