مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نيەن لېي، تاڭ چى خەۋىرى، فوتوسى. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى، شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچىدىن جەمئىي 3 مىليون 11 مىڭ 700 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.33 ئاشقان.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، شىنجاڭ 3 مىليارد 616 مىليون يۈەن ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى يارىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.42 ئاشقان. ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمالى 1200.65 يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچى 2 مىليون 181 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.78 ئاشقان، شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 830 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.85 ئاشقان.
راھىلە ئازاد تەرجىمىسى