تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ سوممىسى يەنە ئۆستۈرۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىشسىز كىشىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ئۆلچىمى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلگەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىش مۇددىتى بىر ئايدىن 24 ئايغىچە بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر ئايدا  ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %90 ى بويىچە ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ خىزمەت باشلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 3000دىن ئارتۇق ئىشسىز كىشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

گۈلنۇر تۇرسۇن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش