2-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس قار يۇرتىدا تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ بوشلۇقنى تاماشا قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونى چاغان مەزگىلىدە «قاناس سىزنى بىرلىكتە <ئىپتىدائىي> ئۇسۇلدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، قارلىق بەيگىسى، قەدىمىي چاڭغا تېيىلىش، تۇۋالارنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە چاغان ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. مەنزىرە رايونى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە كۈنىدە، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ئومۇمىي ساياھەتچى 10مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.
2-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس قار يۇرتىدا، قار تېيىلماقتا.
2-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئات سۆرەيدىغان چانىدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلماقتا.
2-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇمقاناس قار يۇرتىدا كەچكە شەپەق مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
مەختۇمە ئەخمەت تەرجىمىسى