تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاغاندا چېگرا چارلاشنى قار-شىۋىرغانمۇ توسۇپ قالالمىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىبېك

  «قاراڭ، يۆتكىلىۋاتقان دۆلەت بايرىقىغا!» گۈلزىرە رىسكېلدى قولى بىلەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ يىراققا نەزەر سالغاندا، قارلىق دالىدا بىر دۆلەت بايرىقىنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقى كۆزگە خىرە چېلىقتى. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىر چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 40 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4-شىسىنىڭ 67-تۈەنىگە كەلدى. ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ تۇرۇشىغىلا، گۈلزىرە مۇخبىرغا شۇ تەرەپنى كۆرسەتتى.

  «ئۇ يەردە چېگرا قوغدىغۇچى ئورازئالى بىلەن يېركىن چېگرا چارلاۋاتىدۇ، ھازىر بىزنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىمىز زورايدى، ھەممىلا يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى بار» دېدى گۈلزىرە.

  بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن گۈلزىرە 67-تۈەننىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى، ئۇنىڭ ئېرى يۈسۈپقازى توي بىلەن بىللە چېگرا چارلاۋاتقىنىغا 20 يىل بولدى.

  ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە چاپلانغان چۈنليەن بىلەن بەخت خېتىدىن چاغان شادلىقى چىقىپ تۇراتتى.

  «بۇنى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى بىز <تۇغقىنىمىز> بىلەن بىللە چاپلىدۇق. گەرچە بۇ يەردە ئادەم ئاز بولسىمۇ، ئەمما بايرام كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق» دېدى گۈلزىرە كۈلۈپ تۇرۇپ.

  گۈلزىرەنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يۈسۈپقازى سەھەردىلا ئالتە چېگرا قوغدىغۇچىنى ئېلىپ چېگرانى چارلىغىلى كېتىپتۇ، ئۇلار 1-ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا بېرىپ-كېلىپ پىيادە 12 كىلومېتىر چارلايدىكەن، ئارقىدىن، يۈسۈپقازى داۋاملىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئالدىغا 30 كىلومېتىر يۈرۈپ چېگرانى چارلايدىكەن.

  گۈلزىرە مۇنداق دېدى: «چېگرانى چارلاش، چېگرانى قوغداش چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى، بىز جەزمەن ياخشى قىلىشىمىز كېرەك».

  شۇ كۈنى، تاغلىق رايوندا 7-6 بال بوران چىققان بولۇپ، بوران قارنى يولغا ئۇچۇرۇپ نۇرغۇن كىچىك قار دۆۋىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

  ئېرىدىن ئەنسىرەپ، گۈلزىرە ئۇدا نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرغان بولسىمۇ، ئاڭلىغىنى «كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان ئابۇنىچى ۋاقتىنچە ئۇلانمىدى، سەل تۇرۇپ قايتا ئۇرۇڭ» دېگەن ئاۋازلا بولدى. «ئۇلار ئەتىگەن توققۇزدىلا يولغا چىققان، ھازىرغىچە خەۋىرى يوق، بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققانمىدۇ، بىلمىدۇق!» دېدى گۈلزىرە سەل ئەنسىرىگەن ھالدا.

  19 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، گۈلزىرە ئاخىر يۈسۈپقازىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدى. «شىۋىرغان بەك كۈچلۈك، بىز قاپسىلىپ قالدۇق، ئەمدى تاغدىن چىقتۇق. سىگنال ئانچە ياخشى ئەمەس، ئاڭلىيالىدىڭىزمۇ؟ ۋەي، ۋەي...» «دۇت» قىلغان ئاۋاز بىلەن تېلېفون ئۈزۈلدى، گۈلزىرە ھەتتا بىرەر جۈملە سۆزنى تولۇق قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى.

  20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈسۈپقازى توڭلىغان ھالدا ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. «بۈگۈن چېگرانى چارلاش بەك تەسكە توختىدى، بوران ئۇچۇرۇپ ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا ئامال بولمىدى، ئەمما بىز يەنىلا ھەممىلا جاينى قەتئىيلىك بىلەن چارلاپ چىقتۇق» دېدى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا.

  يۈسۈپقازى ئۇدا كۆپ يىل مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ باھالاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاپتوموبىل يوق ئىدى، بارلىق چېگرا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاتلىق تاماملايتتۇق، ھازىر ۋەتىنىمىز قۇدرەت تاپتى، چېگرا لىنىيەسىمۇ ناھايىتى تىنچ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، تىرىشىپ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  «دۆلەتنىڭ چېگرادىكى نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. ھازىر مائاشىمىزغا مال-چارۋا بېقىشتىن قىلغان كىرىمنى قوشقاندا، بىز ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمىز». يۈسۈپقازى مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ