تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ياخشى قېرىنداشلار 25 يىل چاغاننى بىللە ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەي يوۋجۈن

  «لاۋۋېي ئاكا، چاغىنىڭىزنى مۇبارەكلەپ كەلدۇق! بۇ سىزگە ئېلىپ كەلگەن سۈرلەنگەن قېزا، سۈرلەنگەن ئات گۆشى، سارماي، قۇرۇت...» «غالام ئىنىم، بەك كايىپ كېتىپسىز، سىزنىڭمۇ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ چاغىنىغا مۇبارەك بولسۇن! كېلىڭ، كېلىڭ، كېلىڭ، تېز ئۆيگە كىرىڭلار...» 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجوۋۋەن بازىرى ۋاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى قازاق ئاھالە غالام يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە خەنزۇ قېرىندىشى، شۇ كەنتنىڭ ئاھالىسى ۋېي خۇڭگۇاڭنىڭ ئۆيىگە چاغانلاپ كەلدى، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇشۇنداق جەم بولۇپ چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقىنىغا ئۇدا 25 يىل بولغانىدى.

  ۋېي خۇڭگۇاڭنىڭ ئائىلىسىدە دېرىزە قىيىق گۈلى، چۈنليەن، «بەخت» خېتى ئىشىك-دېرىزىلەرگە چاپلانغان بولۇپ، قىپقىزىل پانۇسلار ئېگىز ئېسىلغانىدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلاشتى، ئۆزئارا بەخت تىلەشتى. ئارقىدىن ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، بىردەمدىلا قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بېلىق، يەرلىك توخۇ قورۇمىسى، قوي گۆشى قاتارلىق دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە قورۇمىلىرىنى ئۈستەلگە لىق تىزىۋەتتى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، جەم بولۇشنىڭ بەختلىك مىنۇتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.

  ۋاڭجياجۇاڭ كەنتىدە خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق كۆپ مىللەت بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ كەلدى. ۋېي خۇڭگۇاڭ بىلەن غالام كىچىكىدىن بىللە ئوقۇپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغانىدى. غالامنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىلەن ۋېي خۇڭگۇاڭ كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى قېرىنداش ئىدى. 1993-يىلى، غالام كىچىك ئوغلى خەمىت غالام سەككىز ياشقا كىرگەندە، خەمىتنىڭ ۋېي خۇڭگۇاڭنى «تۇتۇق ئاتا» قىلىۋېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ۋېي خۇڭگۇاڭ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى ئائىلە ناھايىتى يېقىن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.

  مۇشۇ يىللاردا، غالام بىلەن ۋېي خۇڭگۇاڭ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ كەلدى. 1997-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى، غالامنىڭ چوڭ ئوغلى ھەمزە غالام تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قېلىپ، تېزدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى. لېكىن، 40 نەچچە مىڭ يۈەن داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن غالامنىڭ بېشى قاتتى، غالام ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ ئاران 20 نەچچە مىڭ يۈەن جۇغلىيالىدى. غالام قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ۋېي خۇڭگۇاڭ 20 مىڭ يۈەن جان قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئېلىپ كەلدى.

  ئالدىنقى يىللاردا، غالام ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار بولۇپ، ۋېي خۇڭگۇاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن غالامغا كېپىل بولۇپ قەرزگە ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللىدى، يەنە ئۇنىڭغا قولمۇقول كېۋەز تېرىشنى ئۆگەتتى. خەمىت كىچىكىدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۆگىنىشكە قىزىققاچقا، ۋېي خۇڭگۇاڭ ئۇنىڭ قەرز ئېلىپ چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتور ۋە يۈرۈشلۈك يېزا ئىگىلىك سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، غالام ئائىلىسىنىڭ 100 تۇياقتىن ئارتۇق كالا- قويى بار بولۇپ، يىلدا 50 مودىن ئارتۇق يەرگە زىرائەت تېرىيدۇ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. خەمىت مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ بۇنداق تېز بېيىشى <تۇتۇق ئاتام>نىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز بىر ئۆمۈر بىر ئائىلە كىشىلىرى!»

  2010-يىلىدىن بۇيان، ۋېي خۇڭگۇاڭ تىپ ئۆزگەرتىپ كۆچەت تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى، كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ 150 نەچچە موغا يەتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى دائىم ئالدىراشلىقتا يېتىشەلمىگەندە، خەمىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇغىرىش، كۆچەت كولاش، ئاپتوموبىلغا بېسىش قاتارلىق جىسمانىي ئەمگەكلەرنى ئۈستىگە ئالدى.

  تاماق ئۈستىلىدە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر تەرەپتىن قەدەھ سوقۇشتۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن يىڭى يىلدىكى تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە كېڭەشتى. ۋېي خۇڭگۇاڭ كۆچەت تىكىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى، ۋېي خۇڭگۇاڭنىڭ تەسىرىدە غالاممۇ كۆچەت تىكىشنى سىناپ بېقىشنى ئويلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە نەسىللىك گۆش قويى كىرگۈزۈپ، نەسىلنى ياخشىلاشنى پىلانلىدى... شادلىق كۈلكە ساداسى ۋېي خۇڭگۇاڭنىڭ ئۆيىدىن تارالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ