تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەرخىل ئويۇنلار بىلەن چاغان قىزىتىلدى گۈزەل يېڭى تۇرمۇش مەدھىيەلەندى

  كاتتا چاغان جەم بولۇش، گۈللىنىشنىڭ سىمۋولى، خۇشاللىق، بەختنىڭ نامايەندىسى، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكنىڭ مۇجەسسىمى. بۇ يىل چاغاندا، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشى داۋامىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ قەلبلەرنى ئىللىتىش كەيپىياتىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلاردا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى، شەھەر، يېزىلارنىڭ ھەممىلا يېرىنى قويۇق چاغان پۇرىقى قاپلىدى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى ئۇلانغاجار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزىدە، تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەدەملىرىنى تەكشى ئېلىپ ئۇسسۇل ئوينىدى، بۇ مەيدان «چاغاننى كۈتۈۋېلىش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى بۇ يەرنى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

  بۇ بىرقانچە كۈندە، ئەزەلدىن «ئالتۇن گۇچۇڭ»، «قۇرۇقلۇقتىكى پورت» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە، چاغاننى تەبرىكلەش ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن قويۇلدى، ھەر مىللەت ئامما قەلبىدىكى مىننەتدارلىقى ۋە تولۇپ تاشقان بەختىيارلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىپادىلىدى. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ كارىز يېزىسى شەرقىي كارىز كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى ئورۇنلىغان ئۇسسۇل «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»، ناخشا «دۆلەت»، سەنجۈبەن «يۇرتقا مەدھىيە»، گىتار بىلەن ئورۇنلانغان ناخشا «گۈزەل يۇرتۇم» قاتارلىق بىر-بىرىدىن ئېسىل نومۇرلار ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن كەنت ئاھالىسى زۆھرە يۈسۈپنىڭ ئويۇن كۆرۈش تەشنالىقىنى قاندۇردى. «دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمەن، يۇرتۇمنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولۇشىنى تىلەيمەن»، كەنت ئاھالىسى پەن سۈنجېن ئويۇن قويغاندا ئېيتقان بۇ سۆزلەر كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى قۇمقۇسار كەنتىدىكى شېخو كوچا ئويۇنى پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ياڭراق دۇمباق ئاۋازى ئىچىدە، بىرقانچە جۈپ «شىر» گاھ شادلىققا چۆمۈپ سەكرىسە، گاھ بېشىنى ئۇيان-بۇيانغا پۇلاڭلىتاتتى، نەق مەيداندا ئويۇن كۆرۈۋاتقان ئامما ئارقا-ئارقىدىن ياخشى، دەپ توۋلىدى. قۇمقۇسار كەنتىدىن شېخو كوچا ئويۇنىغا 216 كەنت ئاھالىسى قاتناشتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى داقا-دۇمباق چالدى، بەزىلىرى ئوت شىر ئۇسسۇلى ئوينىدى، بەزىلىرى ياڭگېر ئۇسسۇلى ئوينىدى، بەزىلىرى «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى پېرسوناژلارنىڭ رولىنى ئالدى... كۆپچىلىك ياخشى ماسلاشتى، كەنتتە بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن ئويۇن قويدى. بالىلار يول بويى ئەگەشتى، ياشلار توختىماستىن يان تېلېفونى بىلەن سۈرەتكە تارتتى، كۆپچىلىك كۆرگەچ زوقلانغان ھالدا: شىر ئۇسسۇلى چاغان پۇرىقىنى، قۇمقۇسار كەنتىدىكىلەرنىڭ جۇشقۇن روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەپتۇ، دېدى!

  «بۇ يىل چاغاندا، چەرچەن ناھىيەسى ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا <چەت جايدىكى كىچىك شەھەردە باھار> ناملىق چوڭ تىپتىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يەنە پۈتۈن ناھىيەدىكى 54 كەنت، ئالتە مەھەللىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا <كەنتىمىزنىڭ چاغانلىق كېچىلىكى>نى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى» دېدى چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شۈ شياۋخۇا.

  كۆكتوقاي ناھىيەسى قىزىلشىلىك يېزىسى قارا جىگىت كەنتىنىڭ ھەممىلا يېرى شاد-خۇرام يېڭى يىل مەنزىرىسىگە تولغانىدى. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇ كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن «چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالايلى» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى پائالىيىتىدە، كەنت ئاھالىلىرى قانغۇچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى تەرىپلىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى مەدھىيەلىدى. سەھنىدە ئويۇن قىزىپ كەتتى، تۆۋەندىكىلەرمۇ بىكار تۇرمىدى. ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە چۈنليەن ۋە «بەخت» خېتىنى ھەقسىز يېزىپ بەردى. قىپقىزىل قەغەزگە يېزىلغان «بەخت» خېتى، بەخت-سائادەت، ئامانلىق، سالامەتلىك تىلەش مەنىسىدىكى چۈنليەنلەر كاتتا چاغانغا ئۆزگىچە خۇشال كەيپىيات قوشتى. چۈنليەن ۋە «بەخت» خېتىنى قولىغا ئالغان كەنت ئاھالىسى مۇتەن قارجوباي مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى يىلدا، يۇرتىمىزدا ئۆزگىرىشلەر بەك زور، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، كۈنلىرىمنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىمەن».

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، خەن چىنيەن، گې يوۋجۈن، دۇ جيەنخۈي، لى داۋجۇڭ، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چېن شۆرۇ، ۋۇ شيالى يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ