تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈش

  چاغانلىق مۇبارەكلىشىش، زىيارەت قىلىش، ھال سوراش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش... بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى زىيارەت قىلىپ، كىشىلەرنى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدۈردى.

  چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوندىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 12 مىڭ خىزمەت ئەترىتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 77 مىڭدىن كۆپرەك كادىر بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى؛ خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئىدارە ئارقا تىرەك بولۇش، بىرىنچى قول رەھبەر باش مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەنزە ئەزالىرى ئۆمەك باشلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى تۇرۇشلۇق كەنت نۇقتىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، كاتتا چاغاننى مۇبارەكلەپ»، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىدىن ھال سوراپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  «ياڭگېر ئۇسسۇلى، شېخو كوچا ئويۇنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەندە ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى نومۇرى، بۈگۈن بازار رەھبەرلىرى شېخو كوچا ئويۇنى ئەترىتىنى باشلاپ ئاھالىلەردىن ھال سورىدى، قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى» دېدى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى يىلېيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاۋ يۇڭجۈن. چۈشتە، لوتۇيى بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى يى جىڭ شېخو كوچا ئويۇنى ئەترىتىنى باشلاپ مەھەللىگە كېلىپ ھال سورىدى. يى جىڭ مۇنداق دېدى: «مەن كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن، تېنىنىڭ سالامەت، يېڭى بىر يىلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»

  شادىيانە داقا-دۇمباق ساداسى ئىچىدە، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئەترىتى، دۇمباق ئەترىتى، شىر ئۇسسۇلى ۋە ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن شېخو كوچا ئويۇنى ئەترىتى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، مەھەللە ئاھالىلىرى بەس- بەستە كېلىپ ھۇزۇرلاندى. دوڭ-دوڭ، دوڭ-دوڭ-دوڭ... شېخو كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكى ئىككى شىر شادىيانە دۇمباق رىتىمىغا كەلتۈرۈپ مېڭىپ، مەھەللە دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى شياۋيۈديەن تاللا بازىرىغا كەلگەندە، دۇكان ئىگىسى ليۇ شېڭسۈي خۇشال ھالدا شېخو كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكىلەرگە گازىر، كەمپۈت، خاسىڭ سوۋغا قىلدى.

  ليۇ شېڭسۈي مۇنداق دېدى: «بۇ بىرقانچە يىلدا، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلدى، بىز پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان خەلق تۇرمۇشى كاتتا سوۋغىلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۈنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار».

  پوجاڭزا ئېتىش، تاڭيۈەن پىشۇرۇش، جياۋزى يېيىش، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش... 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ، ئىتتىپاقلىق ئۇسسۇلىنى بىللە ئوينىدى. يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچى گۈلنەزەر ئورۇنلىغان شېئىرىي دېكلاماتسىيە «ئۆسمۈر جۇڭگو ھەققىدە» نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  مۇخبىر تاشساي كەنتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقىغا، مەزمۇنىنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە، يېڭى مەنىگە تولغانلىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېمىسىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

  «بۈگۈن مەن مەززىلىك، تاتلىق تاڭيۈەن يېدىم، تاڭيۈەن جەم بولۇشقا سىمۋول قىلىنىدۇ، بۇ خۇددى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلاشقانلىقىغا ئوخشايدۇ. » كەنت ئاھالىسى تاشخان غوجەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، بىزگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. 2019-يىلى مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن».

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا ئىشلىرى ئىدارىسى، سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى يى پىڭچۈەن مۇنداق دېدى: چۈنليەن چاپلاش، پوجاڭزا ئېتىش، جياۋزى يېيىش، كىلاسسىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ موللىقى، چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى يىللىق نىشانىنى بېكىتىشىگە، باھارنى ياخشى باشلىشىغا ياردەم بەردۇق.

  «چاغان كەلدى، كۆڭلۈمدە قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردۇم، بۈگۈن ئالايىتەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم.» 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى چىڭ لاۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى سۇڭ شيۇخۇڭ بىلەن ئەترەت ئەزالىرى پېچىنە-پىرەنىك، مېۋە- چېۋە، كەمپۈتلەرنى ئېلىپ، كەنت ئاھالىسى بۇزەينەپ نۇرمەمەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

  بۇزەينەپ بىلەن ئېرى ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، سۇڭ شيۇخۇڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، خۇشال ھالدا چىقىپ كۈتۈۋالدى ھەم سۇڭ شيۇخۇڭ بىلەن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

  سۇڭ شيۇخۇڭ بۇزەينەپ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ھازىر ئائىلىڭىزدە بەزى قىيىنچىلىقلار بار ئىكەن، بىز ئامال قىلىپ سىزگە خىزمەت تېپىپ بېرىمىز. ياخشى ئىشلىسىڭىزلا كۈنلىرىڭىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

  «قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. كاتتا چاغاندا، بىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلىش، ئۇلاردىن ھال سوراشتا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى، كۆڭلىنى پۇقرالارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى سۇڭ شيۇخۇڭ.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، جاۋ مىن، جاڭ رۈيلىن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ