مۇخبىرىمىز يۈمىڭفەن خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچىدىن 7-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە قومۇل شەھىرىدە تېمپىراتۇرا ℃ 8 تىن ℃10قىچە تۆۋەنلەپ، جۇدۇنلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃10 تىن ℃15 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن. ھاۋا ياخشىلانغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ كۈنلۈك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃20-تىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپېراتۇرا ℃30- ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدىكەن، ئالتاي ۋىلايىتى تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃40-قا چۈشىدىكەن.
2-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 16 دە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن 7 - كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي رايونى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىن قۇمۇل شەھىرىنىڭ يۈز چاقىرىملىق بوران رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزى رايونلىرىدا 10 بالدىن 11 بالغىچە بوران چىقىدىكەن.
(راھىلە ئازاد تەرجىمىسى)