تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏ [بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] ئۇ 19 يىلدا 100 مو قاقاس تاغنى كۆكەرتتى

  ئىسىم-فامىلىسى: تۇردى قاسىم

  يېشى: 65 ياش

  كەسپى: شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتىنىڭ پېنسىيونېرى

  «ئارزۇيۇم»: مەن ھەر تۈپ كۆچەت تىككەندە، ئۇنىڭ يىلتىز تارتىپ، بىخلىنىپ، يوپۇرماق چىقارغىنىنى كۆرىمەن. قاچانغىچە كۆچەت تىكىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، قانچىلىك تىكىشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم، ئەمما، مەن تىككەن ھەر تۈپ كۆچەت جەرەنبۇلاقتا يىلتىز تارتسىلا، خاتىرجەم بولىمەن.

  تۇردى قاسىم  ياۋا شاخلارنى پۇتىماقتا.

  ياز كەلگەندە، قاقاس جايلار يېشىللىققا پۈركىنىدۇ.

  مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سەي گې، جاڭ جۈن خەۋىرى، فوتوسى: بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، تۇردى قاسىمنىڭ 100 كۋادىرات مېتىر كەلمەيدىغان ئۆيى كۆچەت نوتىلىرى چىلانغان چېلەك ۋە داسلار بىلەن لىق تولدى. ھاۋا ئىللىغاندا، كۆچەتلەر يىلتىز چىقارغاندا، تۇردى قاسىم بۇ كۆچەتلەرنى بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاقاس يەرگە ئاپىرىپ تىكىدۇ.

  تۇردى قاسىم قاراماي شەھىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (جەرەنبۇلاق رايونى) نىڭ شىنخۇا مەھەللىسىدىن، ئۇ 19 يىلدىن بۇيان قاقاس يەرلەرگە 10 مىڭ تۈپكە يېقىن كۆچەت تىكىپ، 100 مودىن ئارتۇق يەرنى كۆكەرتتى.

  كۆكەرتىلگەن جايلارغا 20 نەچچە خىل كۆچەت تىكىلگەن

  1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 15:00لەر ئەتراپىدا، تۇردى پاختىلىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆيدىن چىقتى، ئۇ بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا پىيادە بارىدۇ، بۇ يەردە 10 مىڭ تۈپكە يېقىن جىگدە دەرىخى، قارىياغاچ، ئاق تېرەك، تاشئالما دەرىخى، ئالما دەرىخى قاتارلىق 20 نەچچە خىل دەرەخ بار.

  «ھازىر كۆچەتلەر چوڭلاپ دەرەخ بولدى، كىچىك ھايۋاناتلارمۇ كۆپەيدى، مەن بۇ يەردە ياۋا توشقان بىلەن تۈلكىنى كۆردۈم، ئەتراپتا يەنە باشقا پادىلارمۇ بار» دېدى تۇردى ياۋا شاخلارنى پۇتىغاچ.

  «ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەر شورلۇق يەر ئىدى، تۇپراق قاتلمىسى 10-15 سانتېمېتىر كېلەتتى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى تاش ئىدى. بۇ يەرگە كۆچەت تىككۈم بار دېسەم، مېنى ئەخمەق دېگەنلەرمۇ چىققان»، دېدى تۇردى كۈلۈپ.

  19 يىلنىڭ ھەر كۈنى قاقاس تاغقا بېرىش

  تۇردى 1975-يىلى قىسىمدىن كەسىپ ئالمىشىپ جەرەنبۇلاق رايونىغا كەلدى، بۇ جاي كۆكەرتىش ئىشلىرىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، بىراق، تۆت ئەتراپ بىپايان ساي، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاز بولغانلىقتىن، قۇم-بوران ئۈزۈلمەيتتى . بۇ چاغلاردا تۇردى كۆڭلىدە: «شەھەر ئەتراپىغا كۆچەت تىكىلسە، قۇم-بوراننى توسىدۇ»، دەپ ئويلايتتى. 2000-يىلى، ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقتى، ئارام ئالغان مەزگىلىدە، چېنىقىش ئۈچۈن دائىم بىر قاقاسلىققا پىيادە باراتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، تۇردى ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ، تاشلارنى رەتلەپ، تۇپراقلارنى بوشىتىپ، ئورەك كولاپ، كۆچەت تىكىپ باقتى، ئەتىياز كەلگەندە كۆچەتلەر ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي بىخ سۈردى ..... شۇنداق قىلىپ، 10 نەچچە يىلدا، تۇردى بۇ تاغقا كۆچەت تىكىشنى توختىتىپ قويمىدى.

  كۆچەتنى تىكىپ قويغان بىلەنلا ئىش تۈگىمەيتتى. ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە، ئۇ تاغدا كۆچەت تىكىش، شاخلارنى ئۇلاش، ياۋا شاخلارنى پۇتاش بىلەن ئالدىراش بولدى، قىش كەلگەندە، ھەر كۈنى ئورمان چارلىغىلى باردى. 19 يىلدا، تۇردى تۆت موتسېكلىتنى مىنىپ كاردىن چىقاردى.

  تېخىمۇ كۆپ كىشى كۆچەت تىكىش سېپىگە قېتىلدى

  قاراماي شەھىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (جەرەنبۇلاق رايونى) مالىيە ئىدارىسىنىڭ جۇڭشىڭ يولى كوچىسى شىنخۇا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى دۇڭ جىبىن تۇردىنىڭ ئىزچىل تۈردە خالىس كۆچەت تىكىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى بۇ ياخشى ئىشقا ياردەملىشىشكە چاقىردى.

  تۇرغۇنجان تۇردىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ئۇ:«دادام ياشىنىپ قالدى، نۇرغۇن ئېغىر ئىشلارنى قىلالمايدۇ، بىز قىلىشىپ بېرىمىز، دادام بۇ ئورمانلىقنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك كۆرىدۇ» دېدى.

  بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جېڭفۇ تۇردىنىڭ خىزمەتدىشى، 2018-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ تۇردى بىلەن بىللە كۆچەت تىكتى. «كۆچەت تىكىش ياخشى ئىش، كۆچەتلەر ئورمان بولسا مۇھىتىمىزنى ياخشىلايدۇ، كىشى يازدا ئورمانلىقتا تۇرسا سالقىن، ئازادە ھېس قىلىدۇ» دېدى ۋاڭ جېڭفۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى