مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى: 2019-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. 1-ئايدا شىنجاڭ بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 41 مىڭ 500 ئادەمگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7528 ئادەم كۆپ بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا 11 مىڭ 400 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، 22 مىڭ 700 ئادەم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.
مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئايدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئىچىدە، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، 12 مىڭ 500 ئادەمگە يېتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ %30.12ىنى ئىگىلىگەن؛ 3-كەسىپكە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 24 مىڭ 600 گە؛ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 137 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن.