يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە داشۆسىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا سەھەر تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ مەيۈسلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۈنەشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭكىدىن %35 تۆۋەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئالىملار 327 يېڭى گېن رايونىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ گېن رايونلىرى ئادەملەرنىڭ «سەھەرچى قۇش» ياكى «شەپەرەڭ» بولۇشىنى بەلگىلەيدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تەخمىنەن %15 ئادەم «شەپەرەڭ» تىپىغا، يەنە %15 ئادەم «سەھەرچى قۇش» تىپىغا كىرىدىكەن، قالغانلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئانچە گەۋدىلىك بولمايدىكەن.
«سەھەر تۇرۇش گېنى» بار بولغان كىشىلەرنىڭ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %11، مەيۈسلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %33 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بەخت ۋە خۇشاللىققا ئالاقىدار بىر تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار سەھەر تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ گېن خەرىتىسى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ گېن خەرىتىسىنى سېلىشتۇرغان، نەتىجىدە، سەھەر تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسى تۈنەيدىغانلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.
(مەختۇمە ئەخمەت تەرجىمىسى)