تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى نۇردۆلەت تۆلەش

 مەن ئادەتتىكى كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن ئاتا-ئانام ماڭا پارتىيەگە سادىق، دۆلەتكە سادىق، خەلققە سادىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن تەدرىجىي ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىراق، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئەڭ زور خەۋپ.

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا قىلغان خالىس ياردىمىنى داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى روشەن، سۆز ۋە ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، سىجىل ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانىم ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتىم ئالاھىدە كەسكىن بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتىم ئالاھىدە سەمىمىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  مەن ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر بازىسى، تور بازىسىنى باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى باش پىروگرامما، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش، باش نىشاننى زىممىگە ئېلىش، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇش، ھەر ۋاقىت دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا باش نىشاننى تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتىدە ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ