تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»«ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلىمەن

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى دىلشات قىدىرخان

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى ئىناق، مۇقىم بولماقتا، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىماقتا، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىرمەكتە، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال- خۇرام ئىشلىمەكتە. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ-يېتىلگەن، ئۇزاق مۇددەت شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە خىزمەت قىلغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت، ياخشى تۇرمۇشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بىۋاسىتە ھېس قىلدىم.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تارىخىنى ئىنكار قىلىپ، بارلىق زامانىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چەتكە قېقىپ، ئاممىنى ئالداپ، قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. بۇنىڭغا بىز جەزمەن قەتئىي قارشى تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەيمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، قەتئىي ھالدا ئۇنىڭغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلايمەن. بىز باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۈلگىلەردىن، ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، باشتىن-ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسى تارقىلىدىغان، سىڭىپ كىرىدىغان يولنى تەلتۆكۈس ئۈزۈپ تاشلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك؛ يەنە بىر جەھەتتىن، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى توغرا تونۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر خەۋپىنى تولۇق تونۇشقا، خاتا ئىدىيە ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. بىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ پەقەت ئۆز تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغاندىلا، ئاندىن ئىستىقبالى بولىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ سىياسىي ئاساسى، ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىزچىل بوشاشماي ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي خىزمەت قىلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئەل قەلبىنى ئۇتۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن. نۆۋەتتە، بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرىشىمىزنىڭ يىلتىزى ۋە فوكۇس نۇقتىسى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىزنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىمىزگە بولغان توسقۇنلۇقىغا ئۈنۈملۈك قايتۇرما زەربە بېرىشتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمەن، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى شەھەر، يېزىلاردىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىمەن ۋە چۈشەندۈرىمەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا ئائىت تەشۋىق-تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كىشىلەرگە ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلدۇرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ياخشى ساقلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ