تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتتىكى ئاياللار تېخىمۇ جەزبدار بولۇپ كەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن، لى جيەنپىڭ

  1-ئاينىڭ 21-كۈنى، قەشقەر خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ T شەكىللىك سەھنىسىدە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان بازىرىدىكى 20 نەچچە دېھقان مودېل ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇقى بىلەن گۈزەل، مودا قەشقەر ئاياللىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  «ئانام بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ، تونۇيالماي قالدىم». يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان بازىرى قوتان كەنتىدىكى 13 ياشلىق ئامانگۈل ئابدۇۋاسىت T شەكىللىك سەھنىدە مودېل مېڭىۋاتقان ئانىسىغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئانامنىڭ كۈندە مۇشۇنداق چىرايلىق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  T شەكىللىك سەھنىدىن ئەمدىلا چۈشكەن شازادىگۈل داۋۇت مۇنداق دېدى: «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە مودېللار ئەترىتى تەشكىللىدى، كەنتتىكى 30 نەچچە ئاچا-سىڭىل بۇ ئەترەتكە قاتنىشىپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدا <مۈشۈك قەدىمى>دە مېڭىش، گىرىم قىلىش، كىيىم-كېچەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىش قاتارلىقلارنى ئۆگەندۇق، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلدۇق».

  «ھازىر قەشقەرنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدا كەنتتىكى T شەكىللىك سەھنىدە <مۈشۈك قەدىمى>دە ماڭىدىغانلار كۆپەيدى، ئۇلار كىيىم-كېچەكلەرنى تولىمۇ چىرايلىق ماسلاشتۇرۇپ كىيىدۇ». قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋۇ ئەيمېي كۈلۈپ تۇرۇپ: «كۆركەم، رەڭگارەڭ زامانىۋى كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتلەر ئاچا- سىڭىللارنى بارغانسېرى چىرايلىق قىلىۋەتتى» دېدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىز قەشقەر يېڭىشەھەر رۇيى پەن-تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كەلدۇق. سېخ دەرۋازىسىدا، قېشىنى ئىنچىكە سىزىۋالغان، قىپقىزىل لەۋسۇرۇخ سۈرۈۋالغان مەرھابا ئۇرايىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ سەل تارتىنغان ھالدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ: «مەن كارخانىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان، تىرىشىدىغان بولدۇم» دېدى.

  مەرھابا ئۇرايىم بىزگە ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ۋە مۇھىتى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، گىرىم قىلىپ ياسىنىپ يۈرۈشىگە يول قويمىغانلىقىنى ئېيتتى. توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ئۇ، شەندۇڭدىن كەلگەن ھەدىسىگە ئەگىشىپ مەشغۇلات ماھارىتىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپتۇ.

  قەشقەر يېڭىشەھەر رۇيى پەن-تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل زاۋۇت باشلىقى ليۇ جۈەن مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئورتاق تىلى، ماھارەت، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق مەرھابا ئۇرايىمنىڭ تېخنىكىسى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ جەزبدار بولۇپ كەتتى».

  بۇلتۇر 11-ئايدا، مۇنەۋۋەر خىزمەتچى سۈپىتىدە، مەرھابا ئۇرايىم ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن شەندۇڭغا ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە بېرىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى.

  قەشقەر يېڭىشەھەر رۇيى پەن-تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدىن ئايرىلىپ، بىز يەنە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان قەشقەر ئالتۇن قايچا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن گۈلقىز ئابدۇراخماننى ئۇچراتتۇق. بۇ قىز قەشقەر ئالتۇن قايچا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى كارخانىنىڭ زاۋۇت باشلىقى بولۇپ، ئۇ لايىھەلىگەن كىيىم-كېچەكلەر ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپتۇ.

  «زاۋۇتقا يېڭى كەلگەندە، گىرىم قىلىشنى، كىيىم-كېچەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى بىلمەيتتىم، لايىھەلەشنىمۇ بىلمەيتتىم، شىركەت ماڭا ھەممىنى ئۆگەتتى» دېدى گۈلقىز ئابدۇراخمان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ