تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» قىشلىق تەتىلدىكى ئېكسكۇرسىيە قىزغىنلىقىنى كۈتۈۋالدى

  نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 3 مىليوندىن ئاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى. «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىزغىنلىقى پەسەيمىدى، كۆرگەزمىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچى سىجىل كېڭەيدى. قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، پايتەختتىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كۆرگەزمىنى بەس- بەستە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يەنە بىر ئېكسكۇرسىيە قىزغىنلىقى قوزغىدى. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، كۆرگەزمىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 3 مىليوندىن ئاشتى. بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى داشۆسى تەجرىبە مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 2- يىللىقىدىكى ساۋاقداش چېن خاۋتيەن نەق مەيداندىكى 3 مىليونىنچى ئېكسكۇرسىيەچى سۈپىتىدە «دەۋر ئۈلگىسى» − ئالەم ئۇچقۇچىلىرى توپىنىڭ ۋەكىلى جىڭ خەيپېڭ ئىمزا قويۇپ سوۋغا قىلغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى خاتىرە پوچتا ماركىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  بېيجىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ كۆرگەزمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان جانلىق دەرسخانا قىلىپ، بەس- بەستە قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەتىلدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرگەزمە نەق مەيدانىدىكى مول سۈرەت، ھۆججەت- ماتېرىياللار، تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات جەدۋەللىرى، ھەقىقىي مودېل ۋە ماددىي بۇيۇملار، قىزىقارلىق ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كىتابتىكى نەزەرىيەلەرنى دەلىللەپ، دەرسخانىدا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ھازىرقى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەش تەربىيەسى بېرىپ، كەڭ ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. بېيجىڭ خۇيۋېن ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇقسىز 1- يىللىققا چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى «ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگىنىش لايىھەسى»نى مەخسۇس بېسىپ تارقاتتى، ئۇ «جۇغراپىيە»، «تارىخ»، «سىياسىي» قاتارلىق بىر نەچچە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆرگەزمە ئامىللىرى قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇققا كىرگۈزۈلدى. ساۋاقداشلار كۆرگەزمە نەق مەيدانىنى تەپسىلىي ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىر- بىرلەپ ئىزدەپ، ئەستايىدىل جاۋاب تېپىپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە سىڭدۈرىدىغان بۇنداق شەكىلنىڭ ھەم قىزىقارلىق، ھەم ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

  باشقا جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ ئاتا- ئانىسى ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى بېيجىڭدا ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلغاندا چوقۇم تاللايدىغان تۈر قىلدى، باشقا جايلاردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرمۇ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىشقا، «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالى تەربىيەسى ئېلىشقا تەشكىللىدى. جياڭسۇ سىفەن داشۆسى، يەنجىڭ تېخنولوگىيە شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر قىشلىق تەتىلدە باش تېمىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كوللېكتىپ ھالدا چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەق مەيداندا سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: «كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق تونۇش جەھەتتىكى يۈكسىلىش ۋە روھىي جەھەتتىكى چېنىقىش بولدى، بىزنىڭ ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

  كۆرگەزمە تەسىرىنىڭ سىجىل كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ۋە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەللىك مۇھىم سىياسىي ئەربابلار كۆرگەزمىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 1- ئايدىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئافرىقىدىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى 11 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى ھەمدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ياكى دىپلوماتىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  تېخىمۇ كۆپ ئورگان، ئورۇن ۋە كارخانا، مەكتەپلەر توردىكى كۆرگەزمىخانىنى كوللېكتىپ كۆرۈشكە تەشكىللەش ئارقىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كوللېكتىپ قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى. 1- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 16گىچە، توردىكى كۆرگەزمىخانىغا كۆز يۈگۈرتۈش ئومۇمىي مىقدارى 367 مىليون 700 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ