تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قىشلىق ساياھەتتە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 11 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

  مۇخبىرىمىز رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: قار تېيىلىش زالىنىڭ ئىچى كىشىلەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى چاڭغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تۇراتتى؛ قار تېيىلىش مەيدانىغا قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، ھەربىر قار تېيىلىش يولىدا قار تېيىلغۇچىلار غۇيۇلداپ تېيىلىپ چۈشۈۋاتاتتى. 1- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: «يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، بىز ساياھەتچىلەرنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ يىلنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى».

  2019- يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئاۋات باشلىنىش ئارقىلىق 2018- يىلىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىگە ئۇلاشتى. 2018- يىلى 11- ئايدىن 2019- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 11 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشتى.

  خۇاڭ خې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانى ھەر كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2000- 3000 ئادەم قېتىمغا، ھەپتە ئاخىرىدا ھەر كۈنى 5000- 6000 ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى، باشقا جايلاردىن كەلگەن قار تېيىلغۇچىلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئاشتى.

  «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشىنىڭ باشلىنىش جايى» «جۇڭگو قار شەھىرى» دېگەن كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى ياراتقان ئالتاي ۋىلايىتىدە، قار- مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. 2018- يىلى 11- ئاي ۋە 12- ئايدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 257 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 1 مىليارد 392 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %76.76 ۋە %125.06 ئاشتى. بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 563 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 524 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %43.9 ۋە %35.4 ئاشتى. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 2018 − 2019 يىللىق قىشلىق ساياھەت نىشانى شۇكى: 3 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالىنى 2 مىليارد 850 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش. ھازىر بۇ نىشانغا يېتەيلا دەپ قالدى.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چەي خۇڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىز بۇ يىل 1- ئاي كىرىپ ھازىرغىچە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 352 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.6 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 337 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.7 ئېشىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  2018- يىلى 11- ئايدىن 2019- يىلى 1- ئايغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 710 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 944 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %38.6 ۋە %45.6 ئاشتى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇەن شۆپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز كۆپ تۈرلۈك ساياھەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق، بايرام ئارقىلىق داغدۇغا پەيدا قىلىش، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى». بايىنغولىن ئوبلاستى قىشلىق ساياھەتچىلىك بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا- كەنت ساياھىتى قاتارلىقلارنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس قىشلىق ساياھەت لىنىيەسى لايىھەلىدى، زور كۈچ بىلەن «ساياھەت+»نى تەرەققىي قىلدۇردى، ساياھەت بىلەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مەززىلىك تائام قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل ئالدىنقى بەش ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستى تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە پائالىيىتىدىن 360 نەچچە مەيدان قېتىم ئۇيۇشتۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلىلىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغاننىڭ ئالدى- كەينىدىكى 20 نەچچە كۈندە، 300 تۈرگە يېقىن مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتىنى ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى ئېلىش بىلەن بىللە، قۇياش نۇرىدىن، قار- مۇزدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ