تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] چىلاندىن ئاچچىقسۇ، ياڭاقتىن جياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىپ، بىر جۈپ ھەمراھلار ئورتاق بەخت يولى قۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ): قىشتىكى ئونسۇ ناھىيىسى قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولۇپ، بىر ئاچچىقسۇ ئېچىتىدىغان ھويلىغا كىرگەندە ئاچچىقسۇ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى.

  ھويلىدىكى رەتلىك تىزىلغان چوڭ كۈپلەر ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن ئىدى. 51 ياشلىق لىن لى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدى، ئۇ ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى. «قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولسا، ياڭاق جياڭيۇسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.»

  لىن لى ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرى قاراسۇ كەنتى ۋېيلېشەن يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، 2016-يىلى، ئۇ 27 ياشلىق مۇساجان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچچىقسۇ زاۋۇتى قۇرۇپ، چىلان ئاچچىقسۈيى، سامساق ئاچچىقسۈيى، پىياز ئاچچىقسۈيى قاتارلىق شۇ يەرنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ئىشلەنگەن ئاچچىقسۇلارنى ئىشلەپچىقاردى، 2018-يىلى، سېتىلىش مىقدارى 300 توننىدىن، سېتىلىش سوممىسى 2 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئەتراپتىكى 20 نەچچە ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  1988-يىلى، لىن لى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئاقسۇغا كەلدى. لىن لى بۇ يەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىيىم-كېچەك زاۋۇتى، دۇكان ئاچتى، لېكىن تىجارىتى ئۇزۇنغا بارمىدى. 2005-يىلى، ئۇ قاراسا كەنتىگە كېلىپ 300 مو بوز يەر ئېچىپ، چىلان تىكىپ باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  2016-يىلى، لىن لى نەچچە يىل تىجارەت قىلىپ يىغقان 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى مەبلەغ سېلىپ، شېرىكى بىلەن 2500 كىۋادرات مېتىرلىق ئاچچىقسۇ زاۋۇتى قۇردى. كۈتۈلمىگەندە، بىر يىلدىن كېيىن ھەمكارلاشقۇچىسى مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىپ، لىن لىنى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇپ قويدى، لىن لى زاۋۇتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

  رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىۋاتقاندا، لىن لى ئاچچىقسۇ زاۋۇتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان مۇساجانغا ئۇچراپ قايتىدىن ئۈمىدلەندى.

  2009-يىلى، مۇساجان ئونسۇ ناھىيەسى ئايكۆل بازىرىدا ئاچچىقىسۇ ئېچىتىش كارخانىسى قۇردى. «كارخانامنىڭ كۆلىمى بەك كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىش يولۇممۇ كۆپ ئەمەس، كەنتتىكى ئاھالىلەرگە پارچە سېتىش بىلەنلا چەكلىنەتتى»،-دېدى مۇساجان،-ئۆيىدىكى كارخانىدا بىر يىلدا ئىككى-ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولسىمۇ، ئۇ قانائەتلەنمىدىم. «مەن ئاقسۇ شەھىرىدە ئاچچىقسۇ زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلىدىم.»

  شۇنداق قىلىپ، مۇساجان بىلەن لىن لى ھەمكارلىشىپ ئاچچىقسۇ زاۋۇتى قۇردى.

  قولدا ياساش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش

  زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن، لىن لى بىلەن مۇساجان ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «يازدا زاۋۇتتا تۇردۇق، قىشتا مەن شەھەرگە قايتتىم، مەن ماشىنا ھەيدىيەلمىگەنلىكتىن، كۈندە ماشىنا توسۇپ زاۋۇتقا باردىم، بىر قېتىم بېرىپ كېلىشكە 80 يۈەن كېتەتتى»،-دېدى لىن لى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا توختاپ قالمىدى.

  «خام ماتېرىيالنى ئىنچىكە تاللاش، مۇۋاپىق تەڭشەش، دۈملەش، ئۆرۈش، ئۆزگىرىشچان تېمپىراتۇرىدا ئېچىتىش... 10 نەچچە ئىش تەرتىپىنىڭ ھەممىسى قولدا قىلىنىدىغان بولۇپ، ماتېرىياللارنى سالغاندىن ئاچچىقسۇ چىققۇچە بىر ئاي كېتىدۇ. بۇ، جىسمانىي ئەمگەك بولۇپلا قالماي، ماھارەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، خام ئەشيا نىسبىتى، تېمپىراتۇرا، نەملىك دەرىجىسى، ۋاقىتنى دەل جايىدا كونترول قىلغاندا ئېچىتقان ئاچچىقسۇ پۇراقلىق بولىدۇ.» ئاچچىقسۇ ئېچىتىشنى تىلغا ئالغاندا، لىن لىنىڭ ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.

  چىلان ئاچچىقسۈيى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

  ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنلىككە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، لىن لى يەنە خۇلاسىلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر ئىدى.

  «دەسلىپىدە، بىز ئەنئەنىۋى ئاشلىق ئاچچىقسۈيى ئېچىتتۇق، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى بىر مىليون مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، مەندە چىلاندىن ئاچچىقسۇ ئېچىتىش ئويى توغۇلدى»،-دېدى لىن لى. ئۇ ئۈچ ئاي تەجرىبە قىلىپ چىلاندا ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  چىلان ئاچچىقسۈيى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، مۇساجان نەچچە ئون توننا ئاچچىقسۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە، شەھەر، يېزا-بازارلىرىغا ئاپىرىپ ساتتى.

  ئاچچىقسۇ زاۋۇتى قوروسىنىڭ كەينىدە 300 مو چىلانلىق بار بولۇپ، لىن لى بۇ يەرنى قاراسا كەنتى 12-دادۇيدىكى 18 ئاھالىگە ھۆددىگە بەردى، ئاھالىلەر چىلان ئۆستۈرۈشكە مەسئۇل بولدى، كۈزدە، ئاچچىقسۇ زاۋۇتىدىكىلەر بۇ چىلانلارنى يىغىۋالدى، قىشتا ئاھالىلەر ئاچچىقسۇ زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  2018-يىلى، لىن لى بىلەن مۇساجان 300 توننىدىن ئارتۇق چىلان ئاچچىقسۈيى سېتىپ، سېتىش سوممىسى 2 مىليون يۈەندىن ئاشتى. ئۇلار تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان پىياز ئاچچىقسۈيى، سامساق، زەنجىۋىل ئاچچىقسۈيى، ھەسەل ئاچچىقسۈيىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. بۇ يىل، ئۇلار كۆلەمنى كېڭەيتكەندىن سىرت، ياڭاق جياڭيۇسى ئىشلەپچىقاردى.

  «يىل باشلىنىشى بىلەنلا، نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرلەردىن زاكاز تاپشۇرۇۋالدۇق، بىز يەنە ئالىي سوۋغات قېپى چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز»،-دېدى موساجان. مۇساجان بىلەن لىن لى بىلەن قولدا ئاچچىقسۇ ئېچىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى ھەمدە ئاقسۇ چىلىنى بىلەن ياڭىقىنىڭ باھاسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى