تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

‏[چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش] يېڭى ئۆيدە تۇنجى قىشنى كۈتۈۋېلىش

تالدى كەنتىدىكى ئەمىن ئۆيلەر ۋە يەسلى(ماتېرىيال سۈرەت)

  شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر جەزىرە نىسىبېك) خەۋىرى: بۇ، سانات مىرزاباي ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى تىكئېرىق بازىرى تالدى كەنتىدىكى يېڭى ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن تۇنجى قىش.

  10 ياشلىق سانات ئىلگىرى قىشلىق، يازلىق تەتىلدە تاغدىكى ئۆيىگە قايتىپ تەتىل ئۆتكۈزەتتى. 2018-يىلى يازدا، ساناتلارنىڭ ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 چارۋىچى ئائىلىسى باشقا جايغا كۆچۈرۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بۇ قېتىملىق قىشلىق تەتىلدە، سانات تۇنجى قېتىم كەنتتىكى «قىزىل گالىستۇك» دەرسخانىسىغا قاتناشتى.

  تالدى كەنتى بىر چارۋىچىلىق كەنتى. يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى «قىزىل گالىستۇك» دەرسخانىسىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يەسلى بالىلىرىغا دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ھەر كۈنى 40 نەچچە بالا بۇ يەرگە كېلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قىزىل ناخشا، ئۇسسۇل ئۆگىنىپ، قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.

  يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن نۇرجاگۈل ھەر كۈنى شۇنداق خۇشال ئىدى. «بىز بىر پۇڭ خەجلىمەيلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، ئۆيىمىز ناھىيە بازىرىغا يېقىن، ئىشىكتىن چىقساق ئاسفالىت يول بار، ئاخشىمى يول چىراغلىرى ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇرىدۇ، مەن بۇنداق راھەت ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بىزگە ئېلىپ كەلگەن ياخشى كۈنلەر» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ