ئەتراپىمىزدا ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدىغان كىشىلەر يوق ئەمەس. كۆپىنچە كىشى بۇ ئەھۋالنى چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خورەك تارتىدىغانلاردا دىمىقى پۈتۈپ ئويغىنىپ كېتىش، جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش، ئۇيقۇچىلىقتا سىيىپ قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرەر ئىككىسى كۆرۈلىدىكەن. يەنە كېلىپ، خورەك تارتىش يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش، دىيابىت قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خورەك تارتىش نەپەس يولى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئەرلەرلا ئەمەس ئاياللارمۇ خورەك تارتىدۇ، بولۇپمۇ، سېمىز كىشىلەر ئىچىدە خورەك تارتىدىغانلار تېخىمۇ كۆپ. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىڭىز نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۆزلۈكىڭىزدىن ئورۇقلاڭ. چۈنكى سەمىرىپ كەتكەندە بەدەندىكى مايلار بويۇنغا يىغىلىپ قېلىش سەۋەبلىك يۇتقۇنچاق، نەپەس يولى تارىيىپ خورەك تارتىشنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
خورەك تارتىدىغانلارغا نىسىبەتەن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يەنىلا سىڭىشلىك، مايسىز تاماقلارنى يېيىش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش، تاماكا، ھاراق تاشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئىسپرت يۇتقۇنچاق مۇسكۇلىنى بوشاشتۇرۇپ، خورەك تارتىش ياكى ئۇيقۇ ۋاقتىدا ئارىلاپ تىنىق توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ تاماكا يۇتقۇنچاقتىكى يۇمشاق مۇسكۇللارنى تېخىمۇ يۇمشىتىۋېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇ توقۇلمىلار ھاۋا ئېقىمى ئۆتۈشكەندە ئاسان تىترەپ، نەپەس ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇخلىغاندا يانچە يېتىپ ئۇخلاشنى سىناپ كۆرۈش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، تىل تۈۋىنىڭ ئارقىغا ساڭگىلاپ قېلىشىنىڭ ۋە نەپەس يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى