مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، چېن شۆرۇ خەۋىرى: قىش كىرگەندىن بۇيان، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى ناھىيە بويىچە 2500دىن ئارتۇق ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرنى قىشلىق «ئۆگىنىش، نۆۋەت بويىچە تەربىيەلەش»كە تەشكىللەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.
«قىشلىق چاتاش ئادەتتە 3-، 4-ئايلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مېۋىلىك دەرەخ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتىلىدۇ، شاخلارنىڭ ئارىلىقىنى، قۇرۇلمىسنى مۇۋاپىق قويۇپ، مۇھىم ۋە مۇھىم ئەمەسلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، نۇر ئۆتۈشۈشتۈرۈپ چاتايمىز...» چەرچەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى چىلان مەركىزىدىن كەلگەن خالىدە تۇردى قاتارلىق تېخنىكلار 1-ئاينىڭ 25-كۈنى چەرچەن ناھىيەسى جىڭقۇر يېزىسىدىكى دېھقان ھەسەن ھۈسەننىڭ چىلانلىقىدا نۆۋەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلارغا قىشتا چىلان دەرىخىنى قانداق چاتاش، سوغۇقتىن قانداق ساقلاش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان كادىرلارنى نۆۋەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىدە «3+1» ئەندىزىسى ( بىر كۈن نەزىرىيە، ئۈچ كۈن ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە تەربىيەلەش) قوللىنىلغان بولۇپ، يەتتە قارار نۆۋەت بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەر نۆۋەتتە 350 كادىر تەربىيەلىنىدىكەن، 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.