تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توڭلاتقۇدا ساقلاشقا ماس كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەر

    يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا سۈپەت مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ئەمما بەزى يېمەكلىكلەر توڭلاتقۇدا ساقلاشقا ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن:

    كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

   مانتا، خۇاجەر، بولكا قاتارلىق كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سالغاندا، قۇرغاقلىشىش، قاتتىقلىشىش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەپ بولالمىسا، ھىم ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىدە ساقلىسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بولكا بىلەن پىرەنىكنى توڭلاتقۇدا بىللە ساقلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى بولكىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ پىرەنىككە ئۆتۈپ، پىرەنىك يۇمشاپ، بولكا ئەكسىچە قېتىپ كېتىدۇ.

    شاكىلات
    توڭلاتقۇدا شاكىلات ساقلىغاندا شاكىلاتنىڭ ئەسلىدىكى تەمى يوقاپ، ئۈستىدە ئاق قىرو پەيدا بولۇپ قالىدۇ، باكتېرىيەمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. شاكىلاتنى 18~5 سېلسىيە گىرادۇستىكى مۇھىتتا ساقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق.

    بېلىق تۈرى
    بېلىق توڭلاتقۇدا ساقلاشقا ئانچە ماس كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. چۈنكى، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان توڭلاتقۇ نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا توڭلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان توڭلاتقۇمۇ نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا توڭلىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. يەنە كېلىپ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ، بېلىق تۈرىدىكى جانلىقلارنى نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇس مۇھىتتا ساقلىمىغاندا بېلىق توقۇلمىلىرى سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ ياكى سېسىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

    دورا ماتېرىياللىرى

   دورىنى توڭلاتقۇدا باشقا يېمەكلەر بىلەن بىللە ساقلىغاندا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن دورا نەملىشىپ، تۈرلۈك باكتېرىيەلەر دورىغا يۇقۇپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

    شوخلا
    شوخلىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سوغۇق ساقلىغاندا شوخلا ئېتىدە سۇلۇق قاپارتمىسىمان يېرىقچا، سىرتقى يۈزىدە قارا داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، پىشۇرغاندا بولسا تولۇق پىشماسلىق، تەمى ياخشى بولماسلىق، ئېغىر بولغاندا سېسىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

    خاڭگا، كۆك لازا

   خاڭگا بىلەن كۆك لازىنى توڭلاتقۇدا ئۇزۇن ساقلىغاندا قارىداپ قېلىش، يۇمشاپ قېلىش، تەمى ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 6~4 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، خاڭگا 12~10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى مۇھىتتا، كۆك لازا 8~7 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى مۇھىتتا ساقلاشقا ماس كېلىدۇ. شۇڭا خاڭگا بىلەن كۆك لازىنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىدە ئۇزۇن ساقلاشقا بولمايدۇ.

    يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات

   يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا يوپۇرماقلىرى تېخىمۇ تېز سېسىيدۇ، ئېنزىم ۋە مىكروبلارنىڭ تەسىرىدە زەھەرلىك نىترىت كىسلاتا تۇزى ھاسىل بولۇشىمۇ مۇمكىن.

    شياڭجياۋ
    شياڭجياۋنى 12 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىغاندا، ئاسان قارىداپ سېسىپ كېتىدۇ.

     لىجى
    لىجىنى نۆل سېلسىيە گىرادۇستا بىر كۈن تۇرغۇزغاندا، سىرتقى يۈزى قارىداپ، تەمى ئۆزگىرىپ قالىدۇ.

    بۆلجۈرگەن

   بۆلجۈرگەننى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا، مېۋە ئېتى كۆپۈپ، تەمى سۇسلىشىپ، ئاسان پاختىلىشىپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ