تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

«ئېرپاڭ تاغام» بىلەن بولغان 50 يىللىق قېرىنداشلىق مېھرىمىز

شىرزات مەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن «ئېرپاڭ تاغا» ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەنجىڭدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «نەچچە كۈندە بارىدۇ؟» «ئاز بولسا ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە، كۆپ بولسا بىر ھەپتە كېتىدۇ!»

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى) مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر شىرزات مەمەت شىنجاڭنىڭ گازىر، خاسىڭ قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلىرى قاچىلانغان پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزگۈچىگە بەردى.

  پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىىڭ شىرزات ئائىلىسى بىلەن 50 يىلغا يېقىن قېرىنداشلىق مېھرى بار، شىرزات 1970-يىلى چېگرا رايونغا ياردەم قىلىش خىزمىتى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن نەنجىڭلىق زىيالىي ياش جاۋ رېنجىنى «ئېرپاڭ تاغا» دەپ چاقىراتتى. «قۇرۇق مېۋىلەرنى ۋاقىتنى ھېسابلاپ تۇرۇپ سېتىۋالدىم، نەنجىڭنىڭ ھاۋاسى نەم، بالدۇر سېتىۋالسام، تەمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، كېيىن سېتىۋالسام چاغانغىچە بارالماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم، ئېرپاڭ تاغام شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىگە بەك ئامراق» دېدى شىرزات.

  شىرزات ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى 1970-يىلى دادىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، ئائىلە بويىچە ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىگە كۆچۈپ باردى. شىرزات ئاۋاتقا يېڭى كېلىپ، يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمىگەن بولسىمۇ، ئوخشىمىغان دىئالېكتتا سۆزلەيدىغان بىر توپ ياش ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  شىرزاتنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا: «ئۇلار دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەمگە كەلگەن قابىل ياشلار» دېدى. شىرزات ئويلىمىغان يەردىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈپ زىيالىي ياش ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا ئايلاندى.

  بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، شىرزاتنىڭ ئاتا-ئانىسى چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلگەن ياش جاۋ رېنجى ۋە جوۋ خۇيچىن بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەمدە ئۇلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن تارتىپ شىرزاتنىڭ ئۆيىدە ئىككى كىشى كۆپەيدى. شىرزات بىلەن ئىنىسى مىرزات  ئۇلارنى «ئېرپاڭ تاغا»، «شياۋ جوۋ ھامما» دەپ چاقىراتتى.

  ئۇ ۋاقىتلاردا شىرزاتنىڭ دادىسى ھەر شەنبە چۈشتىن كېيىن ئىدارىسىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۇ ئىككىسىنى كۆرمىسىلا شىرزاتنى ۋېلىسىپىت بىلەن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئۇلارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتەتتى، شىرزاتنىڭ ئانىسى رەيھان تاماق ئېتىپ ئۇلارنى ساقلايتتى.

  ـــ ئۇ ۋاقىتلاردا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ پاراڭلىشاتتۇق، ئەتراپتىكى قوشنىلار بىزگە بەك ھەۋەس قىلاتتى، مەنمۇ ئۆيدە تاغام بىلەن ھاممام بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال ئىدىم،- دېدى شىرزات. ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، تاماقتىن كېيىن كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشاتتى. ئىككىنچى كۈنى، «ئېرپاڭ تاغا» بىلەن جوۋ ھامما دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتىدىغان ۋاقىتتا شىرزاتنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆكتات، مېۋىلەرنى ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە تەييارلاپ قوياتتى.

  ئەينى ۋاقىتلاردا ئائىلىسىنىڭ شارائىتى بەك ياخشى بولمىغاچقا، شىرزات ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلغىنىنى چۈشەنمەي، ئۇلاردىن: «نېمىشقا ئۆيىمىزدىكى نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېرىمىز» دەپ سورىدى، ئاتا-ئانىسى جاۋاب بېرىپ: «بۇ بالىلار سەندىن چوڭ بولسمۇ، يەنىلا بالا، ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن، چوڭ شەھەرلەردىن ئايرىلىپ ئاۋات ناھىيەسىگە كەلدى، بىز ئۇلارنىڭ تۇغقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك» دېدى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا نەنجىڭدىن چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلگەن زىيالىي ياشلارنىڭ شەھەرگە قايتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتى. «ئېرپاڭ تاغا» بىلەن شياۋ جوۋ ھامما نەنجىڭغا قايتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ خەت-چەك ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى باغلايدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندى. 1990-يىلى شىرزاتلار ئۆيىگە تېلېفون ئورناتتى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپەيدى.

شىرزات مەمەت «ئېرپاڭ تاغا»سىنى ئائىلە بويىچە شىنجاڭغا كېلىشكە تەكلىپ قىلدى،ئۇلارنى بۇغدا كۆلىگە ئاپىرىپ ئويناتتى.

  1996-يىلى 7-ئايدا، جياڭسۇ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى «نەنجىڭلىق زىيالىي ياشلارنىڭ چېگرا رايونغا ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش» بويىچە شىنجاڭغا كېلىش پائالىيىتىنى پىلانلاپ تەشكىللىدى، شىرزات ئائىلىسىدىكىلەر بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆرۈشكەن ۋاقىتتا ئاتا-ئانامنىڭ <ئېرپاڭ تاغام> بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆز يېشى قىلغان كۆرۈنۈشى چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلگەن 100گە يېقىن نەنجىڭلىق زىيالىي ياشنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.»

  بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: كىشىلىك ھاياتتا بىر خىل ھېسسىيات بار كۈنسېرى يېڭىلىنىدىغان، بىر خىل سېغىنىش بار كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان. شىرزات ئىككى ئائىلىنىڭ ئۈزۈلمەس ئالاقىسىدىن بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ، بۇ خىل سېغىنىشنىڭ دەل مۇشۇنداق قېرىنداشلىق مېھرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

«ئېرپاڭ تاغا» (ئوڭدا) بىلەن شىرزات مەمەتنىڭ دادىسى

  1998-يىلى 6-ئايدا، شىرزاتنىڭ دادىسىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. «ئېرپاڭ تاغا» بىلەن شياۋ جوۋ ھامما ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دۇكىنىنى تاقاپ، شىنجاڭغا كېلىپ كېسەل كارىۋىتى يېنىدا شىرزاتنىڭ دادىسىغا ھەمراھ بولدى.

   ــ ئۇلار دادامغا 18 كۈن قاراپ، دادامنىڭ ھالىدىن تولۇق خەۋەر ئالدى،-دېدى شىرزات ،-قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلارنىڭ قىلىشىمۇ تەس بولغان ئىشنى «ئېرپاڭ تاغام» بىلەن شياۋ جوۋ ھاممام قىلدى.

  ــ شىرزات، بۇ يىل قۇربان ھېيتنى نەنجىڭگە كېلىپ ئۆتكۈزۈڭلار.

   2013-يىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا شىرزات «ئېرپاڭ تاغا»سىنىڭ تېلېفونىنى ئالدى. تېلېفوندا ئۇنىڭ «ئېرپاڭ تاغا»سى شىرزات ئائىلىسىنى نەنجىڭغا تەكلىپ قىلدى. شىرزات خوتۇنى ۋە قىزىنى ئېلىپ، نەنجىڭغا بېرىپ، «ئېرپاڭ تاغا» ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دۆلەت بايرىمى ۋە قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزدى. «ئېرپاڭ تاغا» ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، سېغىنىشلىرىنى سۆزلەشتى، ھازىرقى باياشات تۇرمۇش ھەققىدە پاراڭلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتلىرىنى قىياس قىلىشتى.

جەم بولۇش

  ـــ بىز «ئېرپاڭ تاغام» لار بىلەن ناھايىتى ئادەتتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى، لېكىن، مۇشۇنداق ئادەتتىكى ئىللىق بېرىش-كېلىش، چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي ھېسسىيات مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنىڭ چىن مەنىسى، دەپ قارايمەن،-دېدى شىرزات مۇخبىرغا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ