تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چىشنى كۈندە ئۈچ ۋاق چوتكىلىغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  كۆپىنچە كىشىلەر ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەنگەن. كورېيە دۆلەتلىك سېئول داشۆسى پېنتاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق چىش چوتكىلاپ بەرگەندە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار كورېيە دۆلەتلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سىستېمىسىدىن 40 ياشتىن يۇقىرى 248 مىڭ ئاھالىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغقان. چىش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 248 مىڭ ئاھالىنىڭ %40.5ى چىشىنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ ۋاق چوتكىلايدىكەن، %44.8ى ئەتىگەن ۋە كەچتىلا چوتكىلايدىكەن، %14.7ى ھەر كۈنى كۆپ بولسا بىر قېتىم چوتكىلايدىكەن، %25.9ى ھەر يىلى چىش يۇيغۇزىدىكەن. توققۇز يېرىم يىللىق ئەگىشىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سەكتە ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك مىسالىدىن 15 مىڭى كۆرۈلگەن.

  نەتىجىدە مەلۇم بولۇشىچە، چىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، قۇرت يېگەن چىش سانى ياكى چىشى كۆپ چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق چىش چوتكىلىغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %9 تۆۋەنلەيدىكەن، ھەر يىلى بىر قېتىمدىن ئارتۇق چىش يۇيغۇزغاندا بۇ خىل خەۋپ %14 تۆۋەنلەيدىكەن. چىشنى كۆپ قېتىم چوتكىلاش، يۇيۇش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ياخشىلىغاندا كۆپ خىل ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسىنى ئازايتقىلى ۋە شۇ ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇرنى ئاسرىغىلى بولىدىكەن.

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ