تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى باش تارتماي قوغدايمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باقىت ئامانبېك

  ماركسنىڭ تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيدانى ئارقىلىق شىنجاڭ تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بىرقانچە ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرنى توغرا ئىگىلىشىمىز ۋە سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەك: شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى؛ دۆلەتكە ۋە خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغان «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەتئىي سىغىشالمايدىغان ئورتاق دۈشمىنى. پەقەت سەگەك ئىدىيەۋى تونۇش ۋە قەتئىي سىياسىي مەيدانىمىز بولغاندىلا، بىز ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزالايمىز ۋە جۇڭخۇا نەزەر دائىرىسىگە ئىگە بولالايمىز، ئاندىن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دۈشمەننى ئورتاق يېڭەلەيمىز، ئاندىن خاتا ئىدىيەنىڭ مەنبەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان زور ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتى، ھەر مىللەت خەلق گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. ئەمما، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تارىخنى بۇرمىلاپ، كىشىلەر قەلبىنى قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بىز جەزمەن ھەر ۋاقىت كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقان، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان. بىز جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق مۇددەت ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئېسىل ئەنئەنىنى قەدىرلەپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسى»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مول ۋە چوڭقۇر، رەڭدار ۋە كۆركەم، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جەزمەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى: دىن سىياسىيغا ئارىلاشسا، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشسا قەتئىي بولمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپكە، خىزمەت تەرتىپىگە، تۇرمۇش تەرتىپىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بىز پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق بىمەنە سەپسەتىلەرگە ئۈزۈل-كېسىل رەددىيە بېرىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلىشىمىز كېرەك.

  مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ــــ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا كىشىلەر قەلبى مۇقىملىققا تەلپۈنىدۇ، كىشىلەر قەلبى خاتىرجەملىككە تەلپۈنىدۇ، كىشىلەر قەلبى تەرەققىياتقا تەلپۈنىدۇ، بىز ھەرقانداق كىشىنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، بىز باشتىن-ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرىمەن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىمەن، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمەن.

  تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بۇرچۇمنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. سىياسىي ئىرادەمنى ساقلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بولۇپمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىمەن، زەھەرنى تازىلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرىمەن، ئاجىز ھالقىنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايمەن، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىمەن.

  ئىقتىدارىمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى توغرا يېتەكلەيمەن. ئۈلگىلىك رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقى ۋە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى قوزغاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشقا پائال يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ