مۇخبىرىمىز يۈ روچى، جاڭ خوڭجۈن خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2018\2019-يىللىق مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 35-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى جېجياڭ كوماندىسى بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىلەشتى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 116غا قارشى 118 نەتىجىدە جېجياڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدە تۆتىنچى قېتىم مۇسابىقىلىشىشى بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ مەيداندىكى نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
ئۈچىنچى ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسى 97گە قارشى 101 نەتىجىدە جېجياڭ كوماندىسىنى يەڭدى؛ 12-ئايلانمىدا جېجياڭ كوماندىسى 108گە قارشى 125 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى يەڭدى؛ 26-ئايلانمىدا جېجياڭ كوماندىسى 105كە قارشى 111 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە ماھىرلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن.