تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] شىنجاڭدىكى بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى كۇگۇادىن ھاراق ئېچىتتى

سوڭ شيۇجياڭ (ئوڭدىن بىرىنچى) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۇگۇالارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ جىمىن خەۋىرى): كۇگۇا تېرىلغاندىن ھوسۇل بەرگۈچە ئالتە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئارىلىقتا سوڭ شيۇجياڭ كەنتتىكى ئىشلارنى ئەستايىدىل قىلىش بىلەن بىرگە، ئېسىپ قويۇلغان شېشىلەردىكى كۇگۇالارغا ۋە يېڭى ئېچىتىلغان ھاراقلارغىمۇ ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ پات-پات قاراپ قويىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇمۇ كەنتتىكىلەرنىڭ بېيىشى ئۈچۈن. يىل ئاخىرىدا، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  يېقىنقى كۈنلەردە، سوڭ شيۇجياڭ بىر تەرەپتىن كەنتتىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاچ،  يەنە بىر تەرەپتىن كۇگۇا ھارىقىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى. بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ئۇ شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى كونا ساۋەن بازىرى خۇاڭ جياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىدى، كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇ 20 يىلدىن بۇيان، كەنت ئىشلىرىنى باشقۇرغاچ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۇگۇا تېرىپ، ئۇنىڭدىن ھاراق ئېچىتىپ سېتىپ، بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  كۇگۇادىن ھاراق ئېچىتقاندا، بىر مو يەردىكى كۇگۇادىن 1000 بوتۇلكىغا يېقىن ئېچىتقىلى بولىدۇ... 2002-يىلىدىن ئىلگىرى سوڭ شيۇجياڭ بۇلارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ئۇ ۋاقىتتا سوڭ شيۇجياڭ دېھقان بولۇپ، باقمىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كېيىن، بازار ئەھۋالى ياخشى بولماي، بىر مۇنچە زىيان تارتقان سۇڭ شيۇجياڭ بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇش ھەققىدە باش قاتۇردى، ئۇ ۋاقىتتا كەنتتىكى بەزى كىشىلەر كۇگۇا تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىناتتى، سوڭ شيۇجياڭ تۇيۇقسىز كۆڭلىدە «كۇگۇانىڭ ئىستېمال قىممىتى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى تۇرسا نېمىشقا ھاراق ئېچىتمايمىز» دەپ ئويلىدى.

ئىشچىلار كۇگۇا ھارىقى قاچىلىماقتا.

  سوڭ شيۇجياڭنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن ئەندىشە بولسىمۇ، بىراق، يەنىلا ئۆز ئويىدا چىڭ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاراق ئېچىتقۇچى ئۇستىلارنى زىيارەت قىلدى ھەمدە ئالتە-يەتتە مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە كۇگۇا تېرىدى.

  سىناق تېرىغان تۇنجى يىلى، سوڭ شيۇجياڭ 30 نەچچە مىڭ شىشە ئاستى، يەرگە ياخشى ئىشلىيەلمىگەنلىكتىن، كۇگۇاغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ئۈچتىن بىر قىسىم كۇگۇا كېرەكسىز بولۇپ كېتىپ، 20 نەچچە مىڭ بوتۇلكىلا قالدى. سۇڭ شيۇجياڭ بۇلاردىن ھاراق ئېچىتتى.

  كۇگۇا ھارىقى شۇ يەردە داڭ چىقاردى، بازارنى قانداق كېڭەيتىش توغرىسىدا سوڭ شيۇجياڭ نەزىرىنى مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىگە تىكتى. 2003-يىلى ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈچ ئاي تۇرۇپ ھەمكارلاشقۇچى ئىزدىدى، كۇگۇا ھارىقىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  بىر يىلغا يېقىن تەتقىق قىلىش، تەڭشەش ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق ياخشىلانغان كۇگۇا ھارىقى بازارغا سېلىنىپلا خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى... سوڭ شيۇجياڭنىڭ 20 يىلغا يېقىن تىرىشىشى ئارقىلىق ئۇنىڭ كۇگۇا ھارىقى خېنەن، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى بازارلاردا سېتىلدى.

  كۇگۇا ھارىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن سوڭ شيۇجياڭ كېيىنكى «بۆسۈش نۇقتىسى»نى يۇرتداشلارنى بېيىتىشقا قويدى.

شېشىلەرگە سېلىنغان ئاچچىق كۇگۇالار

     ساۋەن ناھىيەسى كوناساۋەن بازىرى خۇاڭجياجۇاڭ كەنتىدە پاختا تېرىش ئاساس قىلىنىۋاتقانىدى، سۇڭ شيۇجياڭ كۇگۇا ھارىقى ئېچىتقاندىن باشلاپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى كۇگۇا تېرىشقا باشلىدى.

    كۇگۇا تېرىش بولسۇن ياكى كۇگۇا ھارىقى زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش بولسۇن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇڭ شيۇجياڭنىڭ كۇگۇا زاۋۇتى شۇ يەردىكى 40 نەچچە ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

    سۇڭ شيۇجياڭ مۇنداق دېدى: «كىچىك بىر كارخانىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى كىچىك ھاراق زاۋۇتىغا ئايلانغۇچە، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم، بۇ ياخشى سىياسەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى بىلەن، كەنتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى