تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] ئۈچ يىلدا، ئۇ تۆت مۈچە پالەچ ھالەتتىن قايتىدىن ۋىراچلىق خىزمەت ‏ئورنىغا قايتتى‏

  مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ ۋېي خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جېڭ كۇي ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى ھەر بىر كۈنگە ئوخشاش ئەتىگەن سائەت 9دا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىدە شۇ كۈنلۈك «ھەرىكەت قىلىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» داۋالىنىشىنى باشلىدى.

  بۇ ئىككى ئايدا ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدىغان ئىش شۇكى، داۋالىنىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئاق خالىتىنى كىيىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى يېڭىدىن قانات يايدۇرۇۋاتقان تۈر ــ داس بوشلۇقى تۈۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشى ۋە مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى.

  31 ياشلىق جېڭ كۇي بىمار ھەم ۋىراچلىق سالاھىيىتى بىلەن قايتا خىزمەت ئورنىغا چىقتى، بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىدە ئۇنىڭ يۇلۇنى زەخمىگە ئۇچراپ، تۆت مۈچە پالەچ بولۇپ قالغانىدى، ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ  قايتا ئورنىدىن تۇردى، ھەتتا دوختۇرلارمۇ بۇنى «مۆجىزە» دېيىشتى.

  جېڭ كۇي دەسلەپكى ئۆزى ئۆرۈلەلمەيدىغان ھالەتتىن بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر نەچچە مىنۇت ئولتۇرالايدىغان، توققۇز ئايدىن كېيىن ئۆزى ئۆرە تۇرالايدىغان، 20 ئايدىن كېيىن ئۆزى ئۈچ قەدەم ماڭالايدىغان...... ھالەتكە كەلدى. داۋالىغۇچىسى «توختاڭ» دېمىگۈچە ھەرگىز ھاردىم دېمىدى، ئەكسىچە دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەشىق سىجىللىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل تېخنىك خادىمى تيەن چوڭ: «بۇنداق ‹جېنى چىڭ›، تىرىشچان بىمارنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. جېڭ كۇي پالەچلىكنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى قەتئىي ئىرادىسى بىلەن يېڭىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇڭا بۆلۈمدە بىمارلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق باشقا بىمارلارغا  ئىشەنچ تۇرغۇزدى» دېدى.

  «ھازىر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىدىن باشقا، مەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىغا ئالاقىدار نەزەرىيە ۋە مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىمەن. پۇرسەت تەييارلىقنى پۇختا قىلغانلارغا مەنسۇپ، مەن خىزمەت ئورنىغا قايتا چىقىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتىم، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەك»، دېدى جېڭ كۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ