تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش لاھىيەسى ئېلان قىلىندى

    مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى : 2019 -يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش رەسمىي باشلاندى. يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ئازادە سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈر يولى، تاشيولى، ئاۋىياتسىيەسى بىر قاتار چاغانلىق يولۇچى توشۇش لايىھەلىرىنى تۈزۈپ، پويىز سۈرئىتىنى تېزلىتىش، لىنىيەنى كۆپەيتىش قاتارلىق يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
    تۆمۈر يول: چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىشى بىلەن، شىنجاڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى بۇ يىل ئىككىنچى قېتىم پويىز ۋاقىت جەدۋىلىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقى 119 يولۇچىلار پويىزىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە يۈرۈش ۋاقتىنى تەڭشىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 97 يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتناش ۋاقتى بىردەك ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىسقارتىلدى. شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش ۋاقتى ھەر بىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 38 مىنۇت قىسقارتىلدى، شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى ھەر بىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىنۇت قىسقارتىلدى.
    خەلق ئاۋىياتسىيەسى: كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئۈرۈمچىدىن سەنيا، جېنجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇردى، ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بىلەتلىرىنى سېتىشنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئۈرۈمچىدىن جېنجوۋغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن بىرنى كۆپەيتىپ، ئۈرۈمچىدىن سەنيا قاتارلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان-كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى.
    تاشيول: چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن 30 مىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى كۆپەيتتى ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىدىن 750 نى زاپاس ھازىرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ