تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلايمەن

سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەخمەتجان ئابلىز

  مەن پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىن قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم. پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى بولمىسا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، مېنىڭ ھازىرقى كۈنۈم بولمايتتى.

  كادىرلار قوشۇنىدا، بەزى كىشىلەر پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشىنى قەدىرلىمەي، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى داشۆدە ئوقۇغان، پارتىيە مەكتەپلىرىدە بىلىم ئاشۇرغان، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئازراقمۇ مىننەتدارلىق ئېڭى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭى يوق، ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى مەككارلىققا، زۇلمەتكە، ئەشەددىي ئەكسىيەتچىللىككە تولغان. ئۇلار ئېغىزىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمىز، دەپ ئىپادە بىلدۈرسىمۇ، ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېغىز-بۇرۇن يالاشتى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىشنى ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇش، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگىلەردىن بولىمەن.

  بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتىمەن، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش، پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كەم-كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تۈردە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، دەرسخانا، دەرسلىك، تورنى ياخشى باشقۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلاپ، مەكتەپلەرنى ھەقىقىي تۈردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرىمەن.

  مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىمەن. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنىڭ مائارىپ سېپىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق-تەربىيەسى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى تەشۋىقاتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

  ئىچىم بىلەن تېشىمنى باشتىن-ئاخىر بىردەك قىلىمەن. مەيلى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا بولسۇن، مەن باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەسلىك، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەسلىك، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، باشتىن-ئاخىر سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  ئىتتىپاقلىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. مەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن باشلاپلا تېرىپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخلاندۇرۇپ، ئېچىلدۇرۇپ، مېۋە بەرگۈزىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر ۋاقىت پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ