تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز قىشلىق ساياھىتىنىڭ «چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجە قەغىزى» قالتىس يارقىن بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 19 مىليون 764 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %54.33 ئاشقان، 41 مىليارد 602 مىليون يۈەن ساياھەت ئىستېمالى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %52.92 ئاشقان، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولغان.

  2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى ساياھەت تارماقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ «كاساتچىلىق پەسلىدە كاساتلاشماسلىق»تەك مۇھىم يوليورۇقنىڭ ھەم «2018-يىللىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت خىزمىتى ئومۇمىي لايىھەسى»دىكى تەلەپ بويىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى قىشتا «ئىشىكنى تاقىماي»، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 300 تۈردىن ئارتۇق ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويدى، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقى قوزغىلىپ، تۈرلۈك بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى رەڭدارلىشىپ، 2018-يىلى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى «قاينام-تاشقىنلىق»قا تولدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018-يىلى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، «2+1+N» تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئاساسەن، شىمالىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونى قىشلىق قار- مۇز ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونى ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساياھەت بايلىقىغا ئاساسەن، باش تېمىسى روشەن، خاسلىقى ئۆزگىچە، ھەمتۈرتكىلىكلىكى ۋە قاتنىشىشچانلىقى كۈچلۈك قار-مۇز ساياھەت تۈرلىرىنى يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلغان.

  شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئون قىشلىق ساياھەت سەرخىل لىنىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرمۇ شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ساياھەت بايلىقىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ياڭراتتى.

  13-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى «ئىككى شەھەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش» شەكلىنى قوللىنىپ، نۇرغۇن پائالىيەتنى يولغا قويۇپ، ساياھەت ئىستېمالى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت ماركىسىنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۆستۈردى.

  تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «جۇڭگو قار- مۇز ساياھىتى تەرەققىيات دوكلاتى (2018)»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى «2018-يىلىدىكى ئون ياخشى قار- مۇز ساياھەت شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى «2017 ــــ 2018 قار-مۇز پەسلىدە قار تېيىلىش ساياھىتىدىكى ئون كۈچلۈك رايون» قاتارىغا كىرگەن، جۇڭگو غەربىي رايون قار-مۇز ساياھىتى بايرىمى ھەم جۇڭگو- شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى «2017 ــــ 2018 قار-مۇز پەسلىدىكى ئون كۈچلۈك قار-مۇز ساياھىتى بايرىمى ئىشلىرى» قاتارىغا كىرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 150 مىليون 248 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40.09 ئاشقان، 257 مىليارد 971 مىليون يۈەن ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.59 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ