تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] قار-شىۋىرغان بىلەن كۈرەش قىلغان قەيسەر سايە

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ): 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىدىكى شامال ئۆتەڭ بۆلىكىدە 8 بالدىن 9 بالغىچە بوران چىقتى. قار-بورانلىق ھاۋارايىدا، خې خەنمىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى خادىملارنى باشلاپ، يوللاردا يىغىلىپ قالغان قارلارنى قايتا-قايتا تازىلاپ، يول راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  خې خەنمىڭ تارباغاتاي تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى تولى شۆبە ئىدارىسىنىڭ شامال ئۆتەڭ قار-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش خەتەردىن قۇتقۇزۇش بازىسىنىڭ بەنجاڭى. خې خەنمىڭنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقىنىغا 26 يىل بولدى.

  خې خەنمىڭ 1993-يىلى خەتەردىن قۇتقۇزۇش بازىسىغا كەلگەندىن بۇيان، قاتتىق سوغۇق، قار-بورانلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، نۇرغۇن ئاممىنى قۇتقۇزدى. ھەر قىشتا، خې خەنمىڭ يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاممىنى قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى بىلەن ئارزۇيىغا يېتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلىدى.

  خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭمۇ خەۋپ-خەتىرى بار. 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۆلكە يولى 221-لىنىيەسىدە 8 بالدىن 9 بالغىچە بوران چىقىپ، كۆرۈش دەرىجىسى ئاساسەن نۆلگە چۈشۈپ قالدى. ئىككى پىكاپ سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، خې خەنمىڭ بىر پىكاپقا پولات سىم ئىلىۋاتقاندا، يولنىڭ تېيىلغاقلىقىدىن، ئوتتۇرا تىپتىكى بىر ئاپتوموبىل تورمۇز تۇتالماي، تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭغا قاراپ كەلدى. بىر چەتتە تۇرغان خىزمەتدىشى خې خەنمىڭنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كۈچەپ كەينىگە تارتىپ، ئۇنى ئاپتوموبىل سوقۇۋېتىشتىن ساقلاپ قالدى.

  26 يىلدا، خې خەنمىڭ زادى قانچە كىشىنى، قانچە ئاپتوموبىلنى قۇتقۇزغانلىقىنى، قانچە قېتىم خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېنىق ئەسلىيەلمەيدۇ. ئەمما ھەر قېتىم شامال ئۆتەڭدىن تولى ناھىيەسىگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ساقلاپ تۇرغىنىدا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ئۇنى ئاپتوموبىلىغا چىقىرىۋالاتتى، شۇ جايدىكى بەزى چارۋىچىلار بازىدىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا قېمىز ئەكىلىپ بېرەتتى، يەنە بەزىلىرى پاختىلىق ئاياغ ئېلىپ كېلەتتى...

  «تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ئىش ئورنۇمدا خىزمەت قىلغان ھەر بىر كۈندە يولنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن» دېدى خې خەنمىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى