تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر】 پامىر ئېگىزلىكىدىكى تېز يەتكۈزگۈچى يىگىت

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىر ھەرىكەتچان جۇڭگو گۈللىنىش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە تولدى. بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز، ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.» ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىدىكى شىنجاڭدا، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا سانسىزلىغان ئاددىي ئەمگەكچى تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش» تەك تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دەي شياۋيې خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەشيا ئوبوروتى پونكىتىدىكى تەربىيەلەشتىن ھېلىلا چىققان لى يۆ قەشقەر شەھىرىدىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ناھىيەدىكى «جىڭدوڭ» ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈش پونكىتىنىڭ بىردىنبىر خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پونكىت باشلىقى ۋەزىپىسىدىن باشقا، يەنە مال رەتلەش، يەتكۈزۈش ۋە تېلېفونىستلىق خىزمىتىنىمۇ ئۆزى قىلىدۇ.

   ــ كېچىكىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن، پوسۇلكا ساقلاۋاتقان ھېسسىياتنى سىز چۈشىنىسىز،-دېدى لى يۆ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىر، بەزى بۆلەكلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدۇ. قەشقەر بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارىلىقى 300 كىلومېتىرلا كەلسىمۇ، تاغ ئايلانما يولى، ساي يول بۆلىكى كۆپ بولغانلىقتىن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىشقا سەككىز سائەتتىن 10 سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

  لى يۆ تۇرۇۋاتقان يەتكۈزۈش پونكىتى ناھىيە مەركىزىدىكى تاشقورغان يولىدا، پونكىت 2018-يىلى 9-ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئايلىق زاكاز مىقدارى 500دىن ئاشتى. توڭلاتقۇ، كىرئالغۇدىن تارتىپ، كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرىغىچە شۇ يەردىكى ئامما توردىن سېتىۋالغان بۇيۇملىرىنى ئەڭ تېز بولغاندا ئۈچ كۈندىلا قولىغا ئالىدۇ.

  ــ ھازىرقى كەسپ مىقدارىغا ئاساسەن، يەنە بىر قانچە تېز يەتكۈزۈش خادىمى قوبۇل قىلىشقا تامامەن شەرت توشىدۇ. يەتكۈزۈش نۇقتىسىدىكى خىزمەت سەل زېرىكىشلىك، شۇڭا، مەن تاقەتلىك، مەسئۇلىيەتچان، بۇ كەسپنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى تاپماقچى،-دېدى لى يۆ.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018-يىلىنى ئەسلىگىنىدە لى يۆنىڭ قەلبى ئىپتىخارلىق ۋە خۇشاللىققا تولىدۇ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرقى تۆت ئېيىدا ئۇ 3000دىن ئارتۇق مالنى يەتكۈزدى.

  لى يۆ 2018-يىلى 3-ئايدا تاشقورغانغا كەلگەندىن تارتىپ، بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىشىپ كەتتى. دەسلەپتە ئېگىزلىك رېئاكسىيەسىنى باشتىن كەچۈردى، ئاندىن «بىر كىشىلىك پونكىت»نىڭ خىزمەت مىقدارىغا كۆندى، لى يۆ بۇ خىزمەتنىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

  بۇلتۇر، تېز يەتكۈزۈش پونكىتى ئالدىدىكى تاشقورغان يولى كېڭەيتىلدى. چوڭ يولدا تۇرۇپ ئاپئاق قارلىق تاغ ئاستىدىكى كەڭ، رەتلىك كوچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. لى يۆ مۇنداق دېدى: يول بويىدىكى مەنزىرىلەر تولىمۇ گۈزەل، كۈندىلىك يەتكۈزۈش خىزمىتى بىر قېتىملىق قىسقا سەپەرگە ئوخشايدۇ. ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر توردىن نەرسە سېتىۋېلىشنى تاللايدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن، خىزمىتىم كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا يەنىمۇ يېقىنلاشتى. بۇ خىزمەتنى ئىشلەش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنىڭ بىر خىل بەخت، شۇنداقلا شەخسنىڭ قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

  2019-يىلى، لى يۆنىڭ تېخىمۇ كۆپ پىلانلىرى بار. ئۇ تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا قوبۇل قىلىش تۈرى ئاچماقچى. بۇ جۇخارگۈلى، مۇئەمما قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆپ چىقىدىغان تاشقورغانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ يەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تېز سېتىپ چىقىرىشقا پايدىلىق. لى يۆ يەنە مۇنداق دېدى: «قەشقەردىن قايتىپ كېلىش يولىدا دۆلەت تاشيولى 314-لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىنى كۆردۈم، قوش ئاپتوموبىل يولى تۆت ئاپتوموبىل يولىغا كېڭەيتىلىپ، سۈرئەت ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇ، بىزگە نىسبەتەن يەنە بىر خۇشخەۋەر.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى