تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر]‏ پويىزدا 26 يىل لابا تۇتۇپ سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرغان پويىز ساقچىسى گاۋ گۇاڭۋېي

  ئىسىم-فامىلىسى: گاۋ گۇاڭۋېي

  يېشى: 56 ياش

  كەسپى: ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى پويىز ساقچىسى تارماق ئەترىتى بېيجىڭ چوڭ ئەترىتى 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ پويىز ساقچى باشلىقى

  مۇخبىرىمىز شى فېڭسېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ جياۋېن خەۋىرى: «نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ»، «قايناقسۇنى تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېرىم ئىستاكان ئېلىڭ»... 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 15 ئەتراپىدا، قومۇلدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان ئوقپويىز يولغا چىققاندىن كېيىن، چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرغان پويىز ساقچىسى گاۋ گۇاڭۋېي قولىدا لابا تۇتقىنىچە، ھەربىر ۋاگوندا يولۇچىلارغا بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئۇنىڭ بۇ ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 26 يىل بولدى. مەيدىسىدىكى پويىز ساقچىسى كارتىسىدىن باشقا، يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك لاباسىمۇ ئۇنىڭ ئىسىم كارتىسىغا ئايلانغان ئىدى.

  1993-يىلى، گاۋ گۇاڭۋېي پويىز ساقچىسى تارماق ئەترىتىگە يۆتكىلىپ، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان پويىزدا ئاساسلىقى پويىز تەرتىپىنى قوغداش، پويىز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 2014-يىلى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان ئوقپويىزدا خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوقپويىز ساقچىسى بولۇپ قالغان.

  «يولۇچىلار مۇلازىمەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن پويىزغا ئولتۇرىدۇ، بىز چوقۇم قىزغىن بولۇپ، يولۇچىلاردا ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز كېرەك، يولۇچىلار ياردەم سورىغان ئىشلاردىن ھەل قىلالايدىغانلىرىمىزنى ئىمكانقەدەر ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى گاۋ گۇاڭۋېي.

  ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان ئوقپويىزدا، پويىزغا بىر نەچچە قېتىم ئولتۇرغان كۆپ قىسىم يولۇچىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ پويىز ساقچىسىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى