تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى دىلبەر ھوشۇر

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، چېگرا رايوننى ئېچىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى قوغداشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن بولغان، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا قىلغان خالىس ياردىمىدىن بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بولمايتتى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق پاك قەلبنى ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىزملىق ئېتىقادنى قان-تومۇرۇمغا سىڭدۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، سىياسىي قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىجىل تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىيدىكى ئاۋانگارتلاردىن، ھەرىكەتتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ئىلغار خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئاددىي خىزمەت ئورنۇمدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.

  مەن قەلبىمگە ھەر ۋاقىت مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى پۈكۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ سەركىسى بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ