تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولىمەن

  ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن مۇرادىل دىلمۇرات

  مەن ئاددىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئاتا-ئانام ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ كەلدى، بۇ ماڭىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. مېنىڭ تۇنجى قېتىم قىزىل گالىستۇك تاقاپ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا ھۆرمەت بىلدۈرگەن چاغدا چىن قەلبىمدىن پەخىرلەنگەنلىكىم ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، بىرىنچى قېتىم ئىتتىپاق ئىزنىكى تاقاپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئىتتىپاق شېئىرىنى ئوقۇغان چاغدا چىن قەلبىمدىن ھاياجانلانغانلىقىممۇ ئېنىق ئېسىمدە. ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۇلۇغ، شەرەپلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يېقىنلىشىپ، قەدەممۇ قەدەم پارتىيەنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ قەدەم تاشلاپ، ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن.

  تارىختا شىنجاڭ رايونى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولغان. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، ئاممىنى ئالدىدى، قايمۇقتۇردى، ئۆچمەنلىككە ۋە قىرغىنچىلىققا قۇتراتتى، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى. ۋاھالەنكى، لاي قورچاق يامغۇرغا پايلىمىغاندەك، يالغان گەپمۇ سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بىز تارىخنى توغرا تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ، توغرا ئىدىيەۋى قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىم ۋە قەتئىيلىكىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىدىيە ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولىمەن.

  سىياسىي تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل غەرىزىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىمەن، ھەرمىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئاڭلىق ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، قەتئىي ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى ياخشى قوغدايمەن. ھەرۋاقىت، ھەرجايدا ئاممىغا ھازىرقى ياخشى كۈنلىرىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ پۇختا خىزمەت نەتىجەم ئارقىلىق، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرىمەن، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ساداسىنى ياخشى تارقىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ