تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قەشقەر ياسىمىچىلىقى»دا كۆركەم كىيىملەرنىڭ نەپىسلىكى نامايان قىلىندى

  «قەشقەر ياسىمىچىلىقى»دا كۆركەم كىيىملەرنىڭ نەپىسلىكى نامايان قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

  ئىلاۋە

  2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، بۇ يىلقى چاغان كىشىنى تېخىمۇ ئىنتىزار قىلماقتا.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا، نۇرغۇنلىغان نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى؛ شەھەر-يېزىلاردا، نۇرغۇنلىغان كەنت ئۆيلىرىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى؛ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا، نۇرغۇنلىغان غايىلەر كۈرەش داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى...... بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ گېزىتى «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» مەخسۇس ئىستونىنى ئاچتى، مۇخبىرلار چاغان قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، تۇرمۇشقا چۆكۈپ، ئەتراپىمىزدا يۈزبەرگەن ھېكايىلەر ۋە تەسىرلىك ئىشلارنى بايان قىلىپ، فوتو ئاپپاراتى ۋە قەلىمى بىلەن يېڭى دەۋر ئىدىيەسى، ئىللىقلىق ۋە پەزىلەتنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئارزۇ ۋە غايىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نەزەر سېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يۈرۈشلۈك كېچىلىك مۇراسىم كىيىم-كېچەكلىرى، ئاتا-ئانا، بالىلار يۈرۈشلۈك كىيىم- كېچەكلىرى، يۈرۈشلۈك خىزمەت فورمىسى، يۈرۈشلۈك راھەت كىيىم-كېچەكلەر، يۈرۈشلۈك مىللىيچە كىيىم- كېچەكلەر...... 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى قىشلىق، ئەتىيازلىق كىيىم-كېچەك بايرىمىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە (شەھەر)دىن كەلگەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى ۋە بالىلار بىرلىكتە مودېل ئۆمىكى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئۆزگىچە كىيىم-كېچەكلەر بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلدى.

  ھەم ئەنئەنىۋى، ھەم زامانىۋى تۈس مۇجەسسەملەنگەن يۈرۈشلۈك كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ھاياجانغا سالدى. بۇ «كۆركەم كىيىملەر بىلەن يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقىنى نامايان قىلىپ، گۈللەنگەن يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش» باش تېما قىلىنغان كىيىم- كېچەك كاتتا مۇراسىمى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 200 دىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر، داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك كارخانىچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

  «بۇ پەقەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ قىسمەن مەھسۇلاتلىرى.» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسى مىللىيچە يۈرۈشلۈك كىيىم-كېچەك كۆرگەزمە رايونىدا «رەشىدەم سەھنە كىيىم-كېچەك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نىڭ قۇرغۇچىسى رەشىدەم ئىسمايىل كۈلۈپ تۇرۇپ. ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئون يىل مىللىيچە يۈرۈشلۈك كىيىم-كېچەك تىكىش بىلەن شۇغۇللانغان بۇ سەيپۇڭ، ھازىر يۇرتىغا قايتىپ 30 نەچچە ھەدە-سىڭىللىرىنى يېتەكلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. «ئىشچىلىرىمىزنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمى 2300 يۈەندىن ئاشىدۇ، شاگىرتلار ئېيىغا ئاز دېگەندىمۇ 800 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ» دېدى ئۇ تولۇقلاپ.

  «بۇلتۇر <قوش 11> كۈنىدە، تيەنماۋ تورىدا بىزنىڭ يېنىك، نېپىز مامۇق كىيىملىرىمىز 170 مىڭ قۇر سېتىلدى.» شىنجاڭ يىمېي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شيۇڭ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلى، بىز مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا زاۋۇت قۇرغاندا، بىرلا سېخىمىز بار ئىدى، ھازىر سېخىمىز كۆپىيىپ ئالتىگە، خىزمەتچىمىز 650 كە يەتتى.»

  جۇڭگودىكى ئون داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى، شىنجاڭ كىيىم لايىھەلەش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى سۇن شيۇچىن يەكەن ناھىيەسى نىشاڭ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، ئۇ ئېلىپ كەلگەن يۈرۈشلۈك ئەتلەس كىيىم-كېچەكلەر ۋە قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىگە كەلگەن نۇرغۇن تاماشىبىن ۋە دۆلەت-ئىچى سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇخبىر، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ مۇستەقىل كۆرگەزمە زالىدا، سودىگەرلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كېڭىشىۋاتقىنىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەھسۇلاتلار يەكەندىكى كۇرسانتلارنىڭ قولىدىن چىققان، <قەشقەر ياسىمىچىلىقى> <قەشقەر ئىجادىيىتى>گە ئايلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، قەشقەر كىيىم- كېچەك ماركىسى چوقۇم شىنجاڭدىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.»

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مول پاختا بايلىقى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، دۆلەت ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى قەشقەردە مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلدى. ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىسىدىن 460 نەچچىسى بار بولۇپ، 73 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات تۈرلىرى پاختا يىپ ئېگىرىش، ئائىلە ئىلمە توقۇلمىلىرى، كىيىم-كېچەك، سانائەتكە كېرەكلىك توقۇلما بۇيۇم قاتارلىق 13 چوڭ تۈردىكى 180 دىن ئارتۇق مەھسۇلات تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، يىللىق مەھسۇلات 700 مىليون قۇردىن ئېشىپ، مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  «توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ ئەمگەك كۈچى كۆجۈملەشكەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى يۇقىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ.

  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى قىشلىق، ئەتىيازلىق كىيىم- كېچەك بايرىمىدا 180 مىليون يۈەنلىك خىزمەت فورمىسى ئىچكى ئېھتىياج زاكازى ئەمەلىيلەشكەن، بەزى كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن سودىگەرلەرمۇ 300 مىليون يۈەنگە يېقىن سېتىۋېلىش توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ