تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى

  ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتەك قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە- ئۈنۈمى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈنىنى، پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشتىكى غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى توغرىسىدىكى چوڭقۇر بايانلىرىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنىڭ مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلىرى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، قوغداپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ مۇھىم ۋەزىپىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەشتىكى كونكرېت تەدبىرى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ئەمەلىي ئىپادىنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «تۆت خاھىش»نى تەكشۈرۈپ، «تۆت كەيپىيات»نى تۈزىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك؛ چىرىكلىكنى جازالاپ تۈزەشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھوقۇقنىڭ ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى جازالاپ تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ كۆزىتىش-كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رېۋىزىيە سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىش كېرەك.

  قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئۈلگە بولۇش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئۈلگە بولۇش ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشنى نامايان قىلىدۇ. «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان دائىملىق نازارەت قىلىش ۋە ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇر مۇھەببەتنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ئۈلگىلىك رولنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك؛ زور كۈچ بىلەن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تەشۋىقات، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدىگەندە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىشقا بولمايدۇ؛ سۇنى تامچىلىتىپ تاشنى تەشكەندە، بىر تامچىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئۇيۇل تاشتەك قەتئىي ئىرادىمىز بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى