تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر]‏ ئادەتتىكى خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلماي چىڭ تۇرۇش

  شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر جاۋ چۈنخۇا خەۋىرى) خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گو گاڭدىن ئۇنىڭ نەتىجە قازىنىشىدىكى «مەخپىي رىتسېپ»ىنى سورىغاندا، گوگاڭ مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم ئاممىۋى ئاپتوبۇس ھەيدىگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ ھەر ۋاقىت ئۇستازىمنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويدۇم، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمىدىم»، دېدى.

  بۇ «ئۇستازنىڭ ئۆلچىمى»نى گو گاڭ 20 يىل داۋاملاشتۇردى.

  گو گاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت ئىككىنچى بۆلۈمى 11-ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ 104-يول ئاپتوبۇس شوپۇرى.

  گو گاڭ: «ئادەم قىيىنچىلىققا باش ئەگمىگەندىلا، ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەيدۇ»، دېدى.

  «بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ چىقاردى، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇردى، ئاممىۋى قاتناش تېخىمۇ ئىلغارلاشتى، ئامما ئاپتوبۇسقا تېخىمۇ راھەت ئولتۇرالايدىغان بولدى, جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىمۇ ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى، بىزنىڭ خىزمەت قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى» دېدى گوگاڭ. ئۇ يەنە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: «بىز شوپۇرلار، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى، تازىلىق ئىشچىلىرى ھەممىمىز ئوخشاشلا ئادەتتىكى ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەر. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ھەممىمىزنى ئىلھاملاندۇردى، مېنىڭچە، بىز تىرىشساقلا، تىرىشىپ يۈگۈرسەكلا، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز، جۇڭگو ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز!» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى