تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

‏ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى ــ ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك ‏

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر رېن خۇا خەۋىرى). 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، «باۋگاڭ» گۇرۇھى شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پولات يېسىلاش زاۋۇتى سوغۇق يېسىلاش شۆبە زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى بىن: «27 يىلدىن بۇيان، مەن ئىزچىل پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويمىدىم، پولات-تۆمۈر بازىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا مەھسۇلات تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئىزدەندىم، بۇنىڭ ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتمۇ، خۇشاللىقمۇ بار»، دېدى.

  1992-يىلى، 22 ياشلىق لى بىن بىخەتەرلىك قالپىقى ۋە خىزمەت كىيىمىنى كىيىپ، «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ، كۆڭلىگە چوقۇم مۇنەۋۋەر پولات-تۆمۈر خادىمى بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى پۈككەنىدى.

  لى بىن:«بىزنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتنىڭ نەزەرىيەدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، بىر ماھارەتنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا قەدەر دائىم قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىشىمىزغا، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىمىزغا، تېخنىكىلىك پارامېتىر ۋە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى توختىماي تەھلىل قىلىپ تاكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا قەدەر تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ»، دېدى.

  2015-يىلى، پولات-تۆمۈر كەسپى «كاساتلاشتى»، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئوشۇق بولغانلىقتىن، ساھەنىڭ زىيان تارتىش يۈزى كېڭەيدى. باۋگاڭ گۇرۇھى «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتىگە نىسبەتەن، مەھسۇلات تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى.

  ھالقىلىق پەيتتە، لى بىن تېخنىكا گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ، تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەللەرنى داۋاملىق بۆسۈپ ئۆتتى. ئۇ بۇلتۇر مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكا خادىملىرىنى يېتەكلەپ، سوغۇق پروكاتلانغان كىسلاتا پروكاتلاش ئۈسكۈنىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

    27 يىلدىن بۇيان، لى بىن تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەللەرنى بىرمۇبىر يەڭدى. «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمنىڭ سىرى ــ قەتئىي ۋاز كەچمەسلىك، ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئالدىدا، بەل قويۇۋەتمەي، چېكىنمەي، پەقەت چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، تېخنىك خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، داۋاملىق ‹ھۈنەرۋەنلىك روھى›نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن!» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ