جۇ خەيلۈن، ئەر، خەنزۇ، 1958- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ليەنشۈيدىن، 1975- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1980- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش شۆيۈەنىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1975- يىلى 7- ئايدىن 1977- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيەسى يىتىملىقۇم گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولغان؛ 1977- يىلى 8- ئايدىن 1981- يىلى 1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيەسى غوجائېرىق گۇڭشېسىدا كاتىپ بولغان؛ 1981- يىلى 1- ئايدىن 1984- يىلى 1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان؛ 1984- يىلى 1- ئايدىن 1986- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان؛ 1986- يىلى 8- ئايدىن 1990- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك كاتىپ، بۆلۈم دەرىجىلىك كاتىپ بولغان (1985- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1990- يىلى 9- ئايدىن 1993- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1993- يىلى 9- ئايدىن 1993- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1993- يىلى 12- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1996- يىلى 7- ئايدىن 1998- يىلى 6- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998- يىلى 6- ئايدىن 2001- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1998- يىلى 8- ئايدىن 2000- يىلى 12- ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش شۆيۈەنىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2001- يىلى 8- ئايدىن 2003- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2003- يىلى 12- ئايدىن 2004- يىلى 1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2004- يىلى 1- ئايدىن 2006- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 14- شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2006- يىلى 10- ئايدىن 2009- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2009- يىلى 9- ئايدىن 2016- يىلى 3- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى (يېزا ئىگىلىك) 12- شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2016- يىلى 3- ئايدىن 2016- يىلى 5- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى- سانجى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12- شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2016- يىلى 5- ئايدىن 2016- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2016- يىلى 9- ئايدىن 2016- يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2016- يىلى 11- ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.