تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ- ئامان جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرايلى

 —— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  تىنچ-ئامانلىق خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، ئىسلاھات- تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى.

  مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال- خۇرام ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ- ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم يول كۆرسىتىپ بەردى.

  «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەڭ مۇھىمى خەلقنى خاتىرجەم قىلىش». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسى ئۆيىدە تېخىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرالايدىغان، سىرتقا تېخىمۇ خاتىرجەم چىقالايدىغان، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راھەت ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدى، «تىنچ- ئامان جۇڭگو» بىر پارچە يارقىن دۆلەت نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو دۇنيادىكى كىشىنى ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىنچ- ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيەتكە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە نەزەر تاشلىساق، ئەگەر جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمىسە، ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمايدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختاپلا قالماي، پۈتكۈل جەمئىيەت مالىمانچىلىققا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ- ئامان جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرغاندىلا، ئاندىن ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

  تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ-ئامان جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇشتا، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قۇرۇماس بۇلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق ئاممىسى ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ پاراسەتلىك، ئەڭ ياخشى ئۇستاز. ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاممىۋى لۇشيەندىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ بۇ ئەڭگۈشتەرىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، خەلقنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسى، ئەڭ كەڭ قاتناشقۇچىسى، ئەڭ ئاخىرقى باھا بەرگۈچىسىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى تۈگىمەس ئەقىل- پاراسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەدىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ-ئامان جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇشتا، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ۋە دەل ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي- قانۇن سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بايلىق كۈچىنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسىلىنى بىرلىشىپ تۈزەيدىغان، خىزمەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئامانلىقنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ- ئامان جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇشتا، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «كىچىك ئىشلارنى كەنتتىن چىقارماسلىق، چوڭ ئىشلارنى بازاردىن چىقارماسلىق، زىددىيەتلەرنى يۇقىرىغا يوللىماسلىق.» «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ ئاممىغا تايىنىپ زىددىيەتلەرنى ئۆز جايىدا تۈگىتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ۋە ئەڭ روشەن خاسلىقى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن تاشقى تەلەپنى قوبۇل قىلىشنى، قاتتىقلىق بىلەن ئەۋرىشىملىكنى، ئۆزىنى تۈزەش بىلەن قەلبىنى تۈزەشنى، ئادەم كۈچى بىلەن پەن- تېخنىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى دەل ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق ياراتقانلىقىدا. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئاساسىي قاتلامدا، قىيىن نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، ھاياتىي كۈچىمۇ ئاساسىي قاتلامدا؛ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى زىددىيەت يۈزبېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ- خەتەر شەكىللىنىشتىن بۇرۇن تۈگىتىش. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئامما، كارخانا- كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ.

  «تەرەققىيات چىڭ قائىدە، مۇقىملىقمۇ چىڭ قائىدە، تەرەققىياتنى تۇتۇشتا، مۇقىملىقنى تۇتۇشتا ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشى كېرەك.» جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ- ئامان جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرساقلا، چوقۇم ئەلرايىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىيەلەيمىز، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى ئىللىتالايمىز، تېخىمۇ ياخشى بىر مەقسەتتە بولالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى